پارتىغا ئېڭىشمەي ئۇخلايدىغان چۈشلۈك دەم ئېلىش ئاخىر يېتىپ كەلدى
17:32:39 2023-12-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۇ يىل 6- ئايدا، «ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» ئېلان قىلىنىپ، ھەر قايسى رايونلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانىلاردىكى ئۆگىنىش، پائالىيەت قىلىش بوشلۇقى ۋە تەنتەربىيە تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشىنى قوللاپ، ياتاقلىق تۈزۈمدە بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تاماق يېيىش ۋە چۈشلۈك دەم ئېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»دىمۇ ئۈچ مۇھىم ۋاقىت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 زۆرۈر بولغان ئۇخلاش ۋاقتى: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتكە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توققۇز سائەتكە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەككىز سائەتكە يېتىشى كېرەك.

 مەكتەپنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى دەرس ۋاقتى ئادەتتە سائەت 8:20دىن، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئادەتتە سائەت 8:00دىن بالدۇر بولمايدۇ. شارائىتى بارلار زۆرۈر بولغان چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 ئۇخلاش ۋاقتى: ئۇخلاش ۋاقتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە سائەت 21:20دىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سائەت 22:00دىن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سائەت 23:00تىن كېيىن قالماسلىقى كېرەك.

 جۇڭنەن داشۆ شياڭيا دوختۇرخانىسى بالىلار مېدىتسىناسى مەركىزىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ماۋ لېيلېي مۇنداق دېدى: پارتىغا ئېڭىشىپ ئۇخلىغاندا كۆزنى بېسىۋېلىش مەسىلىسىگە ئاسانلا سەل قارىلىپ، كۆزنىڭ قىسمەن تەرەپلىرىنىڭ بېسىمى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، بۇ، كۆز چىڭقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقىنىمۇ پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر پارتىغا ئېڭىشىپ ئۇخلىغاندا، كۆزنى بېسىپ يېتىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن، يۇمشاق ياستۇق سېتىۋېلىش ياكى بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يېتىشمۇ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ. 

 يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش شارائىتىنى يارىتىشنى تەكىتلىدى، نۇرغۇن جايلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ ئىچىدە چۈشلۈك دەم ئېلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.

 مەكتەپلەر چۈشلۈك دەم ئېلىشتا «يېتىپ ئۇخلاش ئەركىنلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسا، مەكتەپ بوشلۇقىغا بەلگىلىك تەلەپ قويۇلىدۇ، بەزى جايلار يېڭىچە دەرس ئورۇندۇقى ئىشلىتىشنى سىناق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىدىلا يېتىپ ئۇخلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تۆۋەندە ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا قانداق ئەپچىل چارىلەرنى يولغا قويغانلىقىنى بىللە كۆرۈپ باقايلى!

فۇجيەن چۈەنجوۋ

 فۇجيەن چۈەنجوۋدىكى بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەر بۇ يىلدىن باشلاپ، يېتىپ ئۇخلىغىلى بولىدىغان پارتا- ئورۇندۇقلارنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتى، ئورۇندۇق ئۈستىدىكى بۇرىغۇچنى بۇرىغاندا، پارتا- ئورۇندۇق ناھايىتى تېزلا «چۈشلۈك ئۇيقۇ كارىۋىتى»غا ئايلاندى.

 چۈەنجوۋ شەھىرى دۇڭشىڭ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1- يىللىق سىنىپىدا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ساۋاقداشلار ئورۇندۇقتىكى بۇرىغۇچنى ئەپچىللىك بىلەن بۇراپ، پارتا- ئورۇندۇقنى ناھايىتى تېزلا «چۈشلۈك ئۇيقۇ كارىۋىتى»غا ئايلاندۇردى، بەزى ساۋاقداشلار يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان ياستۇق، يوتقان- كۆرپىلەرنى ئېلىپ چىقتى، دەرسخانا تېزلا چۈشلۈك دەم ئېلىشتىكى ۋاقىتلىق «قونالغۇ»غا ئايلاندى.

 «قاتلىغىلى بولىدىغان» پارتا- ئورۇندۇقلارنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسىنى بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقىغا ئاساسەن جانلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

خېنەن جېڭجوۋ

 جېڭدۇڭ يېڭى رايونى لۇڭتېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 2020- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىر پەقەت تۆت يىللىقلا بار، مەكتەپ ۋاقتىنچە بوش قالغان 5-، 6- يىللىقلارنىڭ دەرسخانىلىرىنى چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۆيىگە ئۆزگەرتىپ، بالىلارغا نەملىكتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى، يوتقان- كۆرپە، ياستۇق قاتارلىق جابدۇقلارنى بىر تۇتاش تەييارلاپ بېرىپ، بالىلارنى ھەر كۈنى چۈشتە يېتىپ ئارام ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە ھەر بىر سىنىپقا ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇشقا ئىككىدىن ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇردى.

لۇڭتېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۆيىگە بېرىپ ئارام ئېلىشقا تەييارلانماقتا.

 يۇڭچاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى جېڭجوۋ شەھىرى جېڭدۇڭ يېڭى رايونىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتىكى بوش دەرسخانىلارمۇ ئۆزگەرتىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىغا ئىشلىتىلدى.

 مەكتەپ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بويىچە بىر تۇتاش پىلان تۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتەپنىڭ زال ئىچى تەنھەرىكەت مەيدانى، پائالىيەت ئۆيى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

 جېڭدۇڭ يېڭى رايونى يۇڭچاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جېڭ دۇڭفاڭ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا، يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆرلەشتىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق، شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇلارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ھازىر، جېڭدۇڭ يېڭى رايونىدا 18 مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا «يېتىپ ئۇخلىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى، كونا شەھەر رايونىدىكى قىسمەن مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىپ ئۇخلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، شۇ جايدىكىلەر ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش تۈزۈمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

خۇنەن جۇجوۋ

 يېتىپ ئۇخلايدىغان چۈشلۈك دەم ئېلىش ھەققىدە شەھەردىكى مەكتەپلەر توختىماي ئىزدىنىپلا قالماستىن، بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماس كېلىدىغان چۈشلۈك دەم ئېلىش شارائىتى ياراتتى.

 خۇنەن جۇجوۋ لىلىڭ چاشەن بازىرى مېيشيا تولۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ياتىدىغان كىچىك قاتلىما كارىۋىتى بار، قىز ساۋاقداشلار ئايرىم دەرسخانىدا كوللېكتىپ چۈشلۈك دەم ئالىدۇ، ئوغۇل ساۋاقداشلار ئۆز دەرسخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى بوشلۇققا ئورۇن سېلىپ ئارام ئالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى چۈشتە ئاز دېگەندە 40 مىنۇت يېتىپ ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، چاشەن بازىرى مېيشيا تولۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆيدە قالغان بالىلار، ھەمدە ئۆيى مەكتەپتىن خېلى يىراق بولۇپ، %60تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشتە ئۆيىگە قايتىپ دەم ئالىدىغان شارائىتى يوق. مەكتەپ سوئاللىق تەكشۈرۈش قەغىزى تارقىتىپ تەكشۈرۈپ، زىيارەت قىلغاندا، %90تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پارتىغا ئېڭىشىپ ئۇخلىغاندا قولى تېلىپ، قورسىقى ئېسىلىپ، شۆلگىيى ئېقىپ، بېشى تەرلەپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

 بۇ يىل 5- ئايدا، مېيشيا باشلانغۇچ مەكتىپى شارائىت ۋە مەبلەغ چەكلىك بولغان ئەھۋالدىمۇ، ئەڭ دەسلەپتىكى يېتىپ ئۇخلاش ئەندىزىسىدە، سېمونت يەرگە بىر قەۋەت نەملىكتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى ۋە كۆپۈك سېلىنچا سېلىشنى پىلانلىدى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، چاڭشا شەھىرىدىكى بىر ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتى مەكتەپكە 130 قاتلىما كارىۋات ئىئانە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشى «پارتىغا ئېڭىشىپ ئۇخلاش»، «داق يەرگە ئورۇن سېلىپ ئۇخلاش»تىن «يېتىپ ئۇخلاش»قا ئۆزگەردى.

 ھازىر، لىلىڭ شەھىرى چاشەن بازىرىدىكى تۆت ئوتتۇرا مەكتەپ، سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 2952 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 1000غا يېقىن ئوقۇغۇچى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا يېتىپ ئۇخلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تورى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125