ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) يېقىندا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى قايسىلار؟ ۋاكسىنا ئەملىتىش ئارقىلىق قايسىلىرىدىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ؟ 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئوسماننى زىيارەت قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ مەھەللە دوختۇرخانىسىدا، ئائىلە باشلىقى بالىسىغا ۋاكسىنا ئەملەتمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىن فوتوسى
«دائىم كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلىرىنى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزىلىرىنى مىكوپلازما كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» قەيسەر ئوسمان مۇنداق دېدى: دائىم كۆرۈلىدىغان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، قىزىل، گۈرەن بەز ياللۇغى، يەلتاشما، سۇ چېچىكى قاتارلىقلار بار. باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن تارقىلىشچان مېڭە - يۇلۇن پەردە ياللۇغى، كۆك يۆتەل، بوغما، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار بار. مىكوپلازما كەلتۈرۈپ چىقارغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن مىكوپلازمىلىق ئۆپكە ياللۇغى بار.
ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە، مەسىلەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، قىزىل، گۈرەن بەز ياللۇغى، يەلتاشما، سۇ چېچىكى، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ۋاكسىنا ئەملىتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باكتېرىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە، مەسىلەن، تارقىلىشچان مېڭە- يۇلۇن پەردە ياللۇغى، كۆك يۆتەل، بوغما، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى كېسىلى، تارقىلىشچان زۇكام قان خۇمار تاياقچە باكتېرىيەسى كېسىلىدىمۇ ۋاكسىنا ئەملىتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىق ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر توپى ۋاكسىنا ئەملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى ۋاكسىنىسىنى تېزدىن بالدۇرراق ئەملىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
يېقىندا، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىردى، نۇرغۇن كىشى ھازىر ۋاكسىنا ئەملەتسەك ئۈلگۈرەلەمدۇق دېگەنگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
يۇقىرىقى سوئالغا قارىتا، قەيسەر ئوسمان ھازىر ۋاكسىنا ئەملەتسە ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاپتونوم رايونىمىزدا تارقىلىدىغان مەزگىلى بىرىنچى يىلى 10- ئايدىن كېيىنكى يىلى 5- ئايغىچە بولىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن، ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئانتىتېلا ھاسىل بولىدۇ، ۋاكسىنىنى بالدۇر ئەملەتكەندە پايدىسىنىمۇ بالدۇر كۆرگىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئىممۇنىتېتلاش تەرتىپى بويىچە، ئوخشىمىغان ۋاكسىنا ئەملىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئەملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئامال بار ۋاكسىنا ئەملىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
«ۋاكسىنا ئەملىتىش يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە.» قەيسەر ئوسمان مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا ئىشلەش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە شەخسنىڭ بەدەن ساپاسىدىكى پەرق تۈپەيلىدىن، بەزى كىشىلەر توپى ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن يېتەرلىك قوغداش خاراكتېرلىك ئانتىتېلا ھاسىل قىلالمايدۇ، يۈزدە يۈز ئالدىنى ئالالمايدۇ، لېكىن، ئۇ كېسەللىك يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەتمىگەندە، كېسەللىكتىن ھېچقانداق قوغدىغىلى بولمايدۇ، كېسەللىك يۈز بېرىش نىسبىتى ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
قەيسەر ئوسمان مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېقىنقى مەزگىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرى تارقىلىدىغان پەسىل، كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن باشقا، ئامما يەنە ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن باشقا ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەسىلەن، ماسكىنى ئىلمىي تاقاش، قولنى پات- پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يۆتەلگەندە ئېغىز- بۇرۇننى ئېتىۋېلىش، تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ۋە ئادەم توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)