قالتىس! ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى مەكتەپكە 200 مىڭ ئىئانە قىلدى
18:05:53 2023-12-04 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 11-ئاينىڭ 29-كۈنى گۇاڭشى پەن- تېخنىكا داشۆسىدىكى خا زېياڭ ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

خا زېياڭ: 2000- يىلى تۇغۇلغان، چىڭخەيلىك. گۇاڭشى پەن تېخنىكا داشۆسى ئاممىۋى قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئاممىۋى قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.

 29-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گۇاڭشى پەن تېخنىكا داشۆسىنىڭ مەكتەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ئالدىدا خازېياڭ بىر پارچە چوڭايتىلغان «پۇل چېكى»نى ئىككى قوللاپ مەزكۇر مەكتەپنىڭ مەكتەپداشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شېن جيەننىڭ قولىغا سۇندى. 

 گۇاڭشى پەن تېخنىكا داشۆسى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، ئۇ بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىش ئارقىلىق مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە قىلغان ياردىمىگە رەھمەت ئېيتتى.

 مەلۇم  بولۇشىچە، بۇ بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى قېتىم مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىشى ئىكەن.

 «مەكتەپنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى خا زېياڭ.

 ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 خازېياڭنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپتىكى ئىككى شېرىكتىن، كېيىن شىركەت بولۇپ قۇرۇلغىچە، مەكتەپ ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

 بۈگۈنكى كۈندە، شىركەت ھەر كۈنى مۇقىم 13 ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، شەنبە، يەكشەنبە كۈنى 18 ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.

 ھازىر 200 دىن ئارتۇق سودىگەر بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىندى.

خا زىياڭ ئەترىتىنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى.

 يىراقنى كۆزلىگەنلەرنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغۇسى.

 يارايسىز، خا زېياڭ!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125