ئۈرۈمچىدە كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇنسىز تىجارەت قىلغان «قارا تاكسى»نى تەرتىپكە سالدى 11 ئايدا 3900دىن ئارتۇق «قارا ئاپتوموبىل» تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
12:25:14 2023-12-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن) 11- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شۆبە ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش تارماقلىرى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە شەھەر يولۇچى تىرانسپورت كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئەتراپىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ يىل 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر بويىچە قانۇنسىز تىجارەت قىلغان 3900دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆپ تارماق بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئەتراپىدىكى يولۇچى توشۇش مۇھىتىنى تۈزىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يې شياۋمىن فوتوسى

 12- ئاينىڭ 3- كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزىدا، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش فورمىسى كىيگەن بىرقانچە قاتناش ساقچىسى، قاتناش- تىرانسپورت قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىمى ھەمدە «پىدائىي» دېگەن خەت بېسىلغان قىزىل جىلىتكە كىيگەن خىزمەتچى خادىم ئاپتوموبىللارنى تەرتىپلىك توختاپ، يولۇچىلارنى تېز چۈشۈرۈپ، تېز ئېلىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. 

 «ياخشىمۇ سىز، ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئوڭ تەرەپ ئارقا ئىشىكىگە لاي چاپلىشىپ قاپتۇ، پاكىز سۈرتۈۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن، تاكسى شوپۇرى ۋاڭ جېن ئاپتوموبىلدىكى لاينى پاكىز سۈرتۈۋەتتى. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چى ۋېنگې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاكسى شىركەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدا تەشۋىق- تەربىيە ئىشلىشى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. 

 ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھەر دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تاكسى 12 مىڭدىن 14 مىڭغىچە بولىدىكەن. جۈمەدىن يەكشەنبىگىچە، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تاكسى 14 مىڭدىن 16 مىڭغىچە بولىدىكەن. «ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى قىلغىلى كەلگەن شوپۇرلار يۈرۈش ۋە تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يولۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ»، دېدى چى ۋېنگې.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولۇچى توشۇش مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئەتراپىدىكى قانۇنسىز تىجارەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللار توپلىشىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125