ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى. زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر سى يۈ
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى سوت قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، 272 نەپەر شوپۇر ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكتىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جازالاندى، بۇ سوت مەھكىمىسى شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى.
بىرىنچى دېلو مىسالى: ئولتۇراق رايون ئىچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بىرىنى ئامانلىق ساقلىغۇچى ساقچىغا مەلۇم قىلدى
بۇ يىل 2- ئايدا جاڭ × دوستىنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەلۇم ئولتۇراق رايوندىن ئايرىلغان. ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى مەسىلىسىدە، ئۇ ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن تالاش- تارتىش قىلغان. جاڭ ×تىن ھاراق پۇراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئامانلىق ساقلىغۇچى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ ×نىڭ قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 242 مىللىگىرام چىققان.
ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار جاڭ ×ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. جاڭ ×نىڭ باشقىلارنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەق مەيداندا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى، تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇغانلىقى، جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قارىدى.
بۇ سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جاڭ ×كە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئۈچ ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەم 4000 يۈەن جەرىمانە قويدى.
ئىككىنچى دېلو مىسالى: بىر كىشى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىگنال چىرىغىغا سوقۇلۇپ كەتتى
بۇ يىل 6- ئايدا، س × دوستىنىڭ ئۆيىدە بەش بوتۇلكا پىۋا ئىچكەندىن كېيىن، كىچىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ يولغا چىقىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يولدىكى سىگنال چىرىغى ۋە تاش گۈندىگە سوقۇلۇپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، س × ساقچىغا مەلۇم قىلماي، ئەكسىچە ئاپتوموبىلنى تاشلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كىيىم ئالماشتۇرغان ھەم سۇغۇرتا شىركىتىگە مەلۇم قىلغان. سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى س ×نىڭ گەرچە رەتلىك كىيىنگەن بولسىمۇ، لېكىن تىنغاندا ھاراق پۇراۋاتقانلىقىنى بايقاپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
باھالاش ئارقىلىق، س ×نىڭ قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 90 مىللىگىرام چىققان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار س ×ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، س ×نىڭ قېچىپ كېتىش قىلمىشى بار، ئېغىرلىتىپ جازالاش كېرەك. س ×نىڭ دېلودىن كېيىن جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورۇننىڭ زىيىنىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆلەپ بەرگەنلىكىنى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇغانلىقى، جازانى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى.
بۇ سوت مەھكىمىسى جاۋابكار س ×كە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەم 2000 يۈەن جەرىمانە قويدى.
ئۈچىنچى دېلو مىسالى: «ئورۇن ئالماشتۇرۇپ» تەكشۈرۈشتىن قاچماقچى بولغان بىرى قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى
6- ئاينىڭ 25- كۈنى، ليۇ × ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ دوستى دېڭ ×نى ئېلىپ يولغا چىققان. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، ليۇ × ئالدىدا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى بارلىقىنى بايقاپ، دېڭ × بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان. دېڭ × ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىن كېيىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
قاتناش ساقچىسى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرغان ليۇ ×نىڭ مەست ئىكەنلىكىنى بايقىغان. قاتناش ساقچىسى ليۇ ×تىن ئالدىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ياكى ھەيدىمىگەنلىكىنى سورىغاندا، دۇدۇقلاپ قالغان. كېيىن قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ليۇ ×نىڭ ئالدىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىك پاكىتىنى بايقىغان.
باھالاش ئارقىلىق، ليۇ ×نىڭ قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 208 مىللىگىرام چىققان چىققان. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار ليۇ × مەست موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يولدا يۈرگەن، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىلەندۈرىدۇ، قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالاش كېرەك. ئۇنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىن جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇغانلىقى، جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارىدى.
سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ليۇ ×كە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئىككى ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەم 4000 يۈەن جەرىمانە قويدى.
تۆتىنچى دېلو مىسالى: بىر كىشى يەنە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تۇتۇلدى
خەلق ساقچىلىرى ھاراق ئىچىپ پىكاپ ھەيدىگەن دۇڭ ×نى قولغا چۈشۈردى. كېيىن باھالاش ئارقىلىق، دۇڭ ×نىڭ قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكوھول مىقدارى ھەر 100 مىللىلېتىردا 165 مىللىگىرام چىقتى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندا، جاۋابكار دۇڭ ×نىڭ 2016- يىلى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ھەم موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالتە ئاي تۇتۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار دۇڭ × ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن يولدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن، ئۇنىڭ قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇنى جازالاش كېرەك، جاۋابكار دۇڭ × ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، ھازىر يەنە ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ جىنايى ئىشلار جىنايىتى شەكىللەندۈردى، ئۇ قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلماي، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، ئېغىرلىتىپ جازالاش ئەھۋالىغا كىرىدۇ. جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كېيىن، جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشمان قىلغان، قانۇن بويىچە ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىشكە بولىدۇ، دەپ قارىدى.
سوت مەھكىمىسى جاۋابكار دۇڭ ×كە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەم 3000 يۈەن جەرىمانە قويدى.
سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى لى نا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. يەنە بىر قېتىم ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە ياكى مەست ئاپتوموبىل ھەيدىسە، ھادىسە يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئالتە ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ھادىسە سادىر قىلىپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كەتكەن ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كېتىپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)