كوچا دوقمۇشىدا ئوينالغان «نازىركۇم» تورداشلارنىڭ ئالقىشغا ئېرىشتى
13:47:17 2023-12-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 نازىركۇم تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم سىز توي- تۆكۈنلەردە ياكى سەھنىلەردە ئوينالغان ئۇسسۇلنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن، يېقىندا، تۆت يىگىت كوچا دوقمۇشىدا نازىركۇم ئويناپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، Lalo拉罗 ئىسىملىك تورداش ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ئەترىتىدىكى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە ئوينىغان نازىركۇمنى دوۋيىن نومۇرىدا ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ سىننى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيون كوماندا تۇرپان كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىگە بېغىشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىندا تۆت يىگىت كوچا دوقمۇشىدىكى پىيادىلەر يولىدا نازىركۇم ئوينىغان ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلغا زامانىۋى كوچا ئۇسسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئىجادىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

 سىن ئېلان قىلىنىپ، ھازىرغىچە 12مىڭدىن ئارتۇق يۈرەك بېرىلگەن، تورداشلار ئىنكاس يېزىپ: ناھايىتى ياخشى ئويناپسىلەر، سىلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەھنىلەردە چاقنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؛ سىلەرنىڭ ئوينىغىنىڭلارنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ سەكرەپلا مەيدانغا چۈشكۈم كەلدى؛ ئۇسسۇلۇڭلارنى بەك ياقتۇردۇم، ھازىرمۇ توختىماي كۆرۈۋاتىمەن دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125