شياڭجياۋ توغرىسىدا ئۈچ خاتا قاراش بار،
سىز چۈشىنەمسىز.
بىرىنچى خاتا قاراش: شياڭجياۋنى كۆپ يېسە تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ،
ئەمەلىيەتتە،
شياڭجياۋنىڭ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش رولى ئىنتايىن كىچىك،
ھەتتا بەزى كىشىلەر يېسە ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.
بىر تەرەپتىن، شياڭجياۋ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى بار،
لېكىن شياڭجياۋ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى
ئالما، خولۇڭگونىڭكىدىنمۇ ئاز.
شياڭجياۋ يەپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغاندىن كۆرە،
باشقا مېۋىلەرنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن،
شياڭجياۋ تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتاسى
گەندىنى ئاسانلا قۇرۇتۇپ قاتتىقلاشتۇرىۋېتىپ،
قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا قىسمەن كىشىلەر شياڭجياۋ يېگەندىن كېيىن
ئەكسىچە تېخىمۇ ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: شياڭجياۋنى ئاچ قورساققا يېيىشكە بولمايدۇ،
بەزىلەر شياڭجياۋ تەركىبىدە ماگنىي ۋە كالىي بار،
ئاچ قورساق يېگەندە ئاسانلا يۈرەكنى بىئارام قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
لېكىن، ئەمەلىيەتتە
ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەر ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
ئاچ قورساققا شياڭجياۋ يېگەندە سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىر تەرەپتىن ئاچ قورساققا شياڭجياۋ يېگەندە،
تەركىبىدىكى ماگنىي ئېلېمېنتى ۋە كالىي ئېلېمېنتى
ئاستا- ئاستا ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ،
يەنە بىر تەرەپتىن
ئادەم بەدىنىنىڭ ئاپتوماتىك تەڭشەش ئىقتىدارى بار،
بۆرەك، تېرە ئارقىلىق
ئارتۇقچە ماگنىي ئېلېمېنتى بىلەن كالىي ئېلېمېنتىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىۋېتىپ،
بەدەن ئىچىدىكى تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلايدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: شياڭجياۋنى توڭلاتقۇغا قويۇپ قويغاندا تېخىمۇ يېڭى ساقلىغىلى بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر شياڭجياۋنى توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلايدۇ.
لېكىن بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە توغرا ئەمەس،
شياڭجياۋنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىشچانلىقى ناچار،
توڭلاتقۇغا سېلىپ قويسا ئاسانلا ئۈششۈپ قالىدۇ،
سىرتقى يۈزىدە قارا داغ پەيدا بولىدۇ،
مېۋە ئېتى يۇمشاپ كېتىدۇ.
شياڭجياۋنى ئادەتتە 11- 13 گىرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدا ساقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)