جىددىي خاراكتېرلىك كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىش، ئاساسلىقى، سوغۇق قىش پەسلىنىڭ كېچىلىرى ۋە سەھەردە ئاسان يۈز بېرىدۇ. ھاۋا ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىغان مۇھىتتا ئوتۇن، كۆنەكسىمان كۆمۈر، ياغاچ كۆمۈر ئىشلىتىپ ئىسسىنىش ياكى كۆمۈردە خوگو قاينىتىپ يېيىش قاتارلىقلار، يەنە گازلىق سۇ ئىسسىتقۇنى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان جايغا ئورنىتىش، ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى ھىم ئېتىۋېتىپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇخلاش، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاسانلا كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
1. كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟
كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدارە قىلىدىغان چوڭ مېڭە پوستلىقى پالەچلىنىپ، قولى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدا بولماي قالىدۇ، شۇڭا، كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەن ئاغرىقلار دائىم ئۆزىنى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزالمايدۇ.
جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى
ئەتراپتا كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەنلەرنى بايقىغاندا، دەرھال 120غا تېلېفون قىلىپ، شۇ ھامان ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھەم ئاغرىقنى دەرھال زەھەرلەنگەن ئورۇندىن ھاۋا يېتەرلىك جايغا يۆتكەپ، ئاغرىقنىڭ كىيىمىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ، راۋان نەپەسلىنەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئاغرىق قۇسسا، ئۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى غەلدى- غەشلەرنى پاكىز تازىلىۋېتىش، شۇنداقلا ئىسسىق تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاغرىقنى ھەرىكەت قىلدۇرماي تىنچ ئارام ئالدۇرۇش، ھەرىكەت قىلىپ يۈرەك، ئۆپكە يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە ئوكسىگېننىڭ خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەس- ھوشى جايىدا بولمىغان ئاغرىقنىڭ نەپەس ئېلىشى، تومۇر سوقۇشى، قان بېسىمى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەكشۈرۈپ، يۈرەك، ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالدا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش- قوللانماسلىقنى قارار قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا يولى، گاز ئوچاق، سۇ ئىسسىتقۇنىڭ كىلاپانىنى ئېتىۋېتىش، كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش، ئاسان ئوت ئۇچقۇنى چىقىرىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. دەرىجىگە ئايرىش ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى
كىلىنىكىدا، ئاساسلىقى ئاغرىقنىڭ كاربوكسى ھېموگلوبىن مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
يېنىك دەرىجىدە زەھەرلىنىش
كاربوكسى ھېموگلوبىن مىقدارى %10تىن %20كىچە بولسا، يېنىك دەرىجىدە زەھەرلىنىش دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئاغرىق بېشىنىڭ قايغانلىقى، ئاغرىغانلىقىنى، كۆزىنىڭ تورلىشىۋاتقانلىقى، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى تارىخى بار ئاغرىقلاردا يۈرەك سانجىقى قايتا كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئاغرىق زەھەرلەنگەن مۇھىتتىن ۋاقتىدا يۆتكەپ چىقىلىپ، ساپ ھاۋا سۈمۈرسە ياكى ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ داۋالانسا، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە ناھايىتى تېزلا يېنىكلەيدۇ ۋە يوقايدۇ.
ئوتتۇرا دەرىجىدە زەھەرلىنىش
كاربوكسى ھېموگلوبىن مىقدارى %20تىن %40كىچە بولسا، ئوتتۇرا دەرىجىدە زەھەرلىنىش دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئاغرىقتا يېنىك دەرىجىدىكى زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى بولۇش ئاساسىدا، يەنە نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش، تومۇر سوقۇشى تېزلىشىش، كۆپ تەرلەش، ئىچى تىتىلداش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش، ئۇيقۇسىراش، چالا ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كالپۇك شىللىق پەردىسى گىلاس قىزىلى رەڭگىگە كىرىپ قالىدۇ، قارچۇقىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى، مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلسا، ئاساسىي جەھەتتىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، كېسەللىك ئاسارىتى ناھايىتى ئاز قالىدۇ.
ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش
كاربوكسى ھېموگلوبىن مىقدارى %40تىن ئېشىپ كەتسە، ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئاغرىقتا ھوشىدىن كېتىش، نەپەس ئېلىشى تورمۇزلىنىپ قېلىش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرۇشلار يوقىلىش، تومۇر سوقۇشى ئاجىزلىشىش، نەپەس ئېلىشى تەرتىپسىزلىشىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى تېزلا كۆرۈلىدۇ، 40 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا قىزىيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قېلىپ، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ھايات قالغان تەقدىردىمۇ، ئېغىر كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ. (داۋامى بار)
پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)