ھەر يىلنىڭ كەچكۈز، باش قىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوغۇن- تاۋۇز، مېۋىلەرنى قىشلىق ساقلاش مەشغۇلاتىنى قىلىدۇ. ئىلغار ساقلاش تېخنىكىسى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، شىنجاڭ يېزىلىرىدا قىشتا «مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ تاۋۇز يېيىش»نى كۆرۈش تەس ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئۆزگىچە مېۋە ساقلاش تېخنىكىسى بار، ئۇ بولسىمۇ «ئېسىپ قويۇش».
شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا قوغۇن- تاۋۇز مەخسۇس «قوغۇن گەمىسى»دە ساقلىنىدۇ، گەمە بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئۆي بولسىمۇ بولىدۇ. ھازىر كىشىلەر ئادەتتىكى ئۆينى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. ياغاچ لىم، سوقما تام، كىچىك دېرىزە قوغۇن- تاۋۇز گەمىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى.
دېھقانلار قوغۇن- تاۋۇزنى گەمىگە سېلىشتىن بۇرۇن، تەبىئىي ھالدا بىر مەزگىل ئاپتاپقا سالىدۇ، ئاندىن زىدىسى يوق قوغۇن- تاۋۇزنى توقۇلغان تور ياكى خالتىغا سېلىپ تانا بىلەن ياغاچ لىم ياكى جازىغا ئېسىپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ، قىشتىمۇ يازدىكىدىن قېلىشمايدىغان تەمدىكى قوغۇن ياكى تاۋۇزنى يېيەلەيدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)