شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 12- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (لى گولى، لى چېن) 12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 3 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى گۇاڭدۇڭ ياڭجياڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە جيېلۇڭ 3- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى ئىشلىتىپ، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى تېخنىكا تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى بوشلۇققا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرگۈزدى، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە جيېلۇڭ 3- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 2- قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)