ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ پېڭفېي) بىر مىليون تۈپكە يېقىن بەسەي پىشتى، كۆكتاتچى دېھقانلار سېتىش يولىدىن ئەنسىرەۋاتقاندا، ئېتىزغا كېلىپ «كۆكتاتچى دېھقان» بولدى. زاپاس يەم- خەشەك زاپاس تەييارلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، چارۋىچىلار ئۆيىدىكى ئادەم كۈچى يېتىشمەي قىلىشىدىن غەم قىلىۋاتقاندا، ئوت- چۆپ ئورۇشقا ياردەملەشتى.
ئۇلار دەل شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئىلى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى.
باش قىشتىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ئېتىزدىكى كۆكتاتلارنى جىددىي ئۈزۈش، سېتىش، ئوت- چۆپلەرنى جىددىي باغلاپ بېسىشقا توغرا كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىشى ئىدى.
جاكۇچى نېرۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆكتاتچى دېھقان ياڭ جىڭغا ياردەملىشىپ كۈزلۈك بەسەي يىغماقتا ھەم سېتىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا باسماقتا. ۋاڭ پېڭفېي فوتوسى
يېقىندا، جاكۇچى نېرۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىكىدە، كۆكتاتچى دېھقان ياڭ جىڭ بىر مىليون تۈپكە يېقىن بەسەينى ئۈزۈپ سېتىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. سەللا كېچىكسە، ناۋادا ئۈششۈك تېگىپ قالسا، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ «بۇزۇق كۆكتات»قا ئايلىناتتى.
ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسى فېڭ چاڭكې زىيارەت جەريانىدا بۇ ئەھۋالنى بىلدى. تەمى ياخشى باھاسى ئەرزان يەرلىك مەھسۇلات بەسەينى نەق مەيداندا ئۈزۈپ نەق مەيداندا سېتىش توغرىسىدىكى «ئېلان» ناھايىتى تېزلا شۇ جايدا كەڭ تارقالدى.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، پۈتۈشكەن تۇنجى قېتىملىق «مال تاپشۇرۇش»كۈنى بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مېھرىبان كىشىلەر، سودىگەرلەر، ئاھالىلەر چوڭ، كىچىك ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ، كېلىشكىنى بويىچە ياڭ جىڭنىڭ كۆكتاتلىقىغا كەلدى. ئەپسۇس، قاتتىق يامغۇر بەسەيلىكنى پاتقاق قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ جىڭ بەسەي ئۈزىدىغان ياردەمچى ياللىمىغانىدى.
ئېتىز بېشىغا كەلگەن سودىگەرلەرنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشقا بولمايدۇ. خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ھەش- پەش دېگۈچە «كۆكتاتچى دېھقان»غا ئايلىنىپ، ئېتىزغا بېرىپ كۆكتات ئۈزۈپ، كۆكتات توشۇپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى، شۇنچىلىك چەبدەس بولدى. كۆكتات سېتىۋالىدىغان سودىگەر ۋە شوپۇرلارمۇ ئېتىزغا بېرىپ كۆكتات ئۈزدى.
شۇ كۈنى، خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ياڭ جىڭنىڭ ئائىلىسى 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۈزلۈك بەسەي ساتتى. ھازىرغىچە ئۇلار تېرىغان بەسەينىڭ يېرىمى سېتىلىپ بولدى. «ئامما قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، بىز چوقۇم ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، كىيىملىرىمىز توپا بولۇپ كەتسە ھېچنېمە بولمايدۇ» دېدى فېڭ چاڭكې.
جېرىنبۇلاق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ يەم- خەشەكلەرنى توشۇماقتا. ۋاڭ پېڭفېي فوتوسى
چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوت- چۆپ ئورۇشمۇ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى كۈز بىلەن قىش ئالمىشىدىغان پەسىلدە، جېرىنبۇلاق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى گۈەن شىلياڭ ئېتىز بېشىغا بېرىپ چارۋىچىلارغا ياردەملىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوت- چۆپ ئورۇشقا بەك كۆپ كۈچ كېتىدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، گۈەن شىلياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چارۋىچىلارنىڭ ئوت- چۆپ ئورۇپ، بېسىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. خەلق ساقچىلىرى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئوت- چۆپ ئورۇش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش، يىغىپ دۆۋىلەشكە ياردەملەشتى. «ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن ئېتىز- ئېرىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا بېرىپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بېرىمەن. بۇ ئىشلار ماڭا نىسبەتەن ئاسان ئىش» دېدى گۈەن شىلياڭ.
سۈنجاچى نىرۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەۋەلىكىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ كۆكتات پارنىكىغا سوغۇقتىن ساقلىنىش پاخال يېپىنچىسى ياپماقتا. دېڭ يۈ فوتوسى
سۈنجاچى نىرۇ چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى ئېتىز بېشىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، كۆكتات پارنىكلىرىغا كىرىپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتاتچىلارغا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش پاخال يېپىنچا يېپىشىغا ياردەملەشتى.
دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل بولغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى يەنە ئۇلارنىڭ «ھەميانى»نى قوغداشقا ياردەم بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى: ئېتىزدا ئارام ئالغاندا تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئېيتىپ، پارنىكتا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش يېڭى بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى...
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)