جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «3G ،2G تورىدىن چېكىندۈرۈش» مەسىلىسىگە قارىتا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3G ،2G تورىدىن چېكىندۈرۈش كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى يېڭىلاپ دەۋرىنى ئالماشتۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئابۇنىچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاندىن توردىن چېكىندۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئالغا سىلجىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىدىن بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئۇقتۇرۇپ، ئابۇنىچىلارنىڭ «ئۆزى خالاپ چېكىنىشى»، «رازىمەنلىك بىلەن چېكىنىشى» ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 3G ،2G تورىدىن چېكىندۈرگەندە، چەكلىك چاستوتا بايلىقى ۋە تور بايلىقىنى 5G ،4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ، تور تىجارەت تەننەرخىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تور تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتتە بازاردىكى يان تېلېفوننىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن تورغا ئۇلىنىدىغان تېلېفونلار بولۇپ، ئالتە خىل ئۆلچەم ۋە ئون نەچچە خىل چاستوتا بۆلىكىنى قوللايدىغان بولۇشى كېرەك، توردىن چېكىندۈرگەندە يان تېلېفوننىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ يان تېلېفوننىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېرمىنال تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
«كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىدىن چېكىندۈرۈش ئاددىي ھالدا <چېكىندۈرىمەن دەپلا چېكىندۈرۈش> ئەمەس، ئابۇنىچىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.» سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە تېلېگراف كارخانىلىرى ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، توردىن چېكىندۈرۈش پىلانىنى تۈزىدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىدۇ ۋە ياخشى ئىشلەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)