ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قېلىپ ئىشسىز بولۇپ قالغاندىن كېيىن، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇندا ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىم سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرسا بولىدۇ، ئىلگىرىكى ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ، شەخسىي ھېساباتىدىكى زاپاس سومما يىغىپ ھېسابلىنىدۇ.
دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن ھەم ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى بەلگىلىمىسىنى قاندۇرغانلار ئاي بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالسا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)