ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋاپات بولغاندىن كېيىن قايتا تارقىتىلمايدۇ.
پېنسىيەگە چىققان خادىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەخسىي ئىسچوتىدا يەنىلا قالدۇق سومما بولىدۇ، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ھايات ۋاقتىدا بېكىتكەن مەنپەئەتلەنگۈچى كىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىسىغا بىر قېتىمدىلا بېرىلىدۇ.
پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى يەنە دەپنە ياردەم پۇلى ۋە بىر قېتىملىق نەپىقە پۇلى ئالالايدۇ، كونكرېت ئۆلچىمى شۇ جايدىكى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئىلكىدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىگە، شۇنىڭدەك، پېنسىيەگە چىققان خادىمنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى، كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)