ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «يېڭى كۆرسىتىدىغان چىراغ»نى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، شەھەر ئاھالىلىرى تىجارەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىسا پاش قىلسا بولىدۇ
17:59:35 2023-12-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، «يېڭى كۆرسىتىدىغان چىراغ»نى ئىشلىتىش ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى.

12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تازىلانغان توخۇ سودا رايونىدىكى يورۇتۇش چىرىغى ئىشلەتكەن سودىگەرلەرنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرمەكتە. مۇخبىر ۋاڭ شۈەن فوتوسى

12- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، سودىگەرلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا «يېڭى كۆرسىتىدىغان چىراغ» ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، قانۇن بويىچە جازالايدۇ.

 شۇ كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىلەن يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىغا كىرىپ، بازاردىكى گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىش رايونى، تازىلانغان توخۇ سودا رايونى، كالا- قوي گۆشى سېتىش رايونى ھەمدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، مېۋە- كۆكتات سېتىش رايونى قاتارلىقلارنى ئىختىيارىي ئومۇميۈزلۈك بىر- بىرلەپ تەكشۈردى.

 ئۇلار گۆش سېتىش رايونىغا كېلىپ، يايمىدىكى رەت- رەت يورۇتۇش چىراغلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەبىئىي نۇرغا يېقىن چىراغلارغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى، ھەر خىل گۆش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز رەڭگىدە كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

 «بىز ئالدىنقى ئايدا دۇكاندىكى بارلىق چىراغنى تەبىئىي نۇرلۇق چوغلانما چىراغقا ئالماشتۇردۇق». گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىش رايوندىكى تىجارەتچى جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: گۆشنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىلا، خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ. 

 «ئىلگىرى گۆش سېتىۋالغاندا گۆشنى تەبىئىي نۇر ئاستىغا ئاپىرىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولاتتىم.» گۆش ئېلىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ليۇ شياۋفاڭ مۇنداق دېدى: ھەپتىدە بىر قېتىم بازارغا كېلىپ گۆش سېتىۋالىمەن، ھازىر تىجارەتچىلەرنىڭ چىراغلىرىنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرۇلۇپتۇ، خاتىرجەم تاللاپ سېتىۋالىدىغان بولدۇم. 

 كۆكتات سودا رايونىدا، سودىگەر زو جىنلېي خېرىدارلارغا چىڭسەي جىڭلاپ بېرىۋاتاتتى.

 «دۇكاننى قايتىدىن بېزىگەندىن كېيىن، چىراغلارنى تەبىئىي نۇرلۇق چوغلانما چىراغقا ئالماشتۇردۇق، كۆكتاتلار يېڭى بولسىلا خېرىدارلار ھەممىسى ياخشى كۆرىدۇ.» زو جىنلېينىڭ ئېيتىشىچە، 40 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق دۇكانغا جەمئىي توققۇز چىراغ ئورناتقان. 

 شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بازاردىكى گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىش رايونى، كالا- قوي گۆشى سېتىش رايونى، تازىلانغان توخۇ سودا رايونى قاتارلىق رايونلاردا يورۇتۇش چىرىغى ئىشلىتىدىغان 200گە يېقىن دۇكاننىڭ ھەممىسى «يېڭى كۆرسىتىدىغان چىراغ»نى ئالماشتۇرۇۋەتتى، بازار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈش خادىمىنى ھەر كۈنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم مال سېتىۋېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گو چىڭ مۇنداق دېدى: ئىدارىمىز ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن شەھەردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سودا ساراي، تاللا بازىرى، كوچا ياقىسىدىكى دۇكانلار ئىچىدىكى گۆش سېتىش ئورنى ۋە مېۋە- كۆكتات دۇكانلىرى قاتارلىقلارنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى تىجارەت سۇبيېكتلىرىدىن ئادەتتىكى يورۇتۇش چىراغلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىستېمالچىلارغا ئەگەر تىجارەتچىلەرنىڭ يەنىلا «يېڭى كۆرسىتىدىغان چىراغ»نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، 12315غا تېلېفون قىلىپ پاش قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن) 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125