ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ئىدارە ئىسپات چىقىرىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟
15:57:34 2023-12-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى مەھكىمىسى مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ئىشسىز خادىم ئىشسىز قالغان مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ياكى كىملىكىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ ياكى توردا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىدىغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 بېجىرگۈچى ئاپپارات ئىشسىز خادىمنىڭ ئەھۋالىنى بېكىتكەندە، ئىچكى قىسىمدىكى بېجىرىش ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق سېلىشتۇرۇش ھەم ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىشسىز خادىم ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا بولىدۇ، ئىشسىز خادىمدىن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئىسپاتى، ئىشسىزلىقنى تىزىملاش ئىسپاتى قاتارلىق باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125