يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى شاڭراۋ شەھىرى گۇاڭفېڭ رايونى ماجيا يوۋزىسى ئۆستۈرۈشنى خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ، دىققەتنى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون بويىچە ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 195 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، 50 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇ ۋېنبياۋ فوتوسى، خەۋىرى)
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاڭراۋ شەھىرى گۇاڭفېڭ رايونى پەيشەن بازىرىدىكى فېڭيۈەن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ماجيا يوۋزىسى بازىسىدا، باغۋەنلەر يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ماجيا يوۋزىلىرىنى تاغدىن چۈشۈرمەكتە.
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاڭراۋ شەھىرى گۇاڭفېڭ رايونى پەيشەن بازىرىدىكى فېڭيۈەن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ماجيا يوۋزىسى بازىسىدا باغۋەنلەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن ماجيا يوۋزىسىنى توشۇماقتا.
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاڭراۋ شەھىرى گۇاڭفېڭ رايونىدىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش مەركىزىدە ئىشچىلار ماجيا يوۋزىسىنى ئايرىماقتا.
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، شاڭراۋ شەھىرى گۇاڭفېڭ رايونىدىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش مەركىزىدە ئىشچىلار ماجيا يوۋزىسىنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)