ئىزچىل داۋاملاشقان ئەسلىي مەقسەت ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ
شاڭخەي چاڭجياڭ دەرياسى سۈيىگە تايىنىپ، تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا باشلامچى بولۇپ، سانسىزلىغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى.
باش قىش مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيگە كەلدى. بۇ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجىنىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇشى بولۇپ، بۇ قېتىمقى سەپەردىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش بۇ يەردە چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىش بولدى.
بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ مۇھىم رايون ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا ئاچقان 2- قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقىسى 2020- يىلى 8- ئايدا ئەنخۇي خېفېيدا ئېچىلغانىدى.
بۇ، بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم رايون ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان 5- مەيدان سۆھبەت يىغىنى −
5- ئاي، خېبېي شىجياجۇاڭ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى؛
6- ئاي، ئىچكى موڭغۇل باياننۇر، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى؛
9- ئاي، خېيلۇڭجياڭ خاربىن، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى؛
10- ئاي، جياڭشى نەنچاڭ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى.
بۇ سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ 2- قېتىم ئېچىلىشى، بەزىلىرىنىڭ 3- قېتىم، بەزىلىرىنىڭ بولسا 4- قېتىم ئېچىلىشى ھېسابلىنىدۇ. «چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش» «يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش»، يىغىن ناملىرىدىن بىز ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقان لوگىكىلىق تومۇرنى بىلىۋالالايمىز.
بۇ قېتىم، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەرنىڭ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ھەمدە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«پەقەت توغرا ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىلا، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى، قەتئىي بوشاشماي ئىشلىگىلى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىق، ھەرگىزمۇ يول باشقا، مەنزىل باشقا بولۇپ قالماسلىق، ھەرگىزمۇ ئارقىغا چېكىنمەسلىك كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇشۇنداق قىلىش، قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەش، تۈرمۇتۈر ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
ئىككى ئاي ئىلگىرى، جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى يەكۈنلەپ، جىجياڭ تۇپرىقىدا كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلھام ھېلىھەم ئېسىمىزدە: «ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىدىكى سەۋەب − ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ 20 يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغانلىقىدا. ئەتىگەنكى بۇيرۇقنى كەچتە بىكار قىلغاندا، ھەرقانداق ياخشى تەدبىرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، ھەممىسى يوققا چىقىدۇ».
بۇ قېتىم شاڭخەيدە، باش شۇجى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «زور ئىش» ئۈچۈن يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، نۆۋەتنى نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك».
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئالاھىدە روشەن بولدى.
«يولىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز» − جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈلدى.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتىن بارلىققا كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك نەزەر- دائىرە.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا شاڭخەي زاكاز مال سودا ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. يېقىندا ئېچىلغان مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا: «پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش سەپىرى مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى.
16 يىل ئىلگىرى، يەنى2007- يىلى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئەينى چاغدا شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئەينى چاغدا، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىر خەلقئارالىق چوڭ شەھەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قارارنى چىقاردى.
سودا زالىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئوخشاش بولمىغان رەڭلەردىكى جىلىتكىلەر تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى سودا زالىدا مال زاكاز قىلغاندا، قىزىل جىلىتكە كىيىۋالغىنى سودا خادىمى، سېرىق جىلىتكە كىيىۋالغىنى خىزمەتچى خادىم ئىدى. ئۈستەل ئۈستىدىكى كونا پاسوندىكى تېلېفون، كومپيۇتېر، فاكس ئاپپاراتى، ئۈنئالغۇ ئەينى يىللاردىكى مەنزىرە ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، سودا ئاللىقاچان تور سىرتىدىن تورغا يۆتكەلدى، شاڭخەي زاكاز مال سودا ئورنى يەرشارى بويىچە ئۈچ چوڭ رەڭلىك مېتال باھاسىنى بېكىتىش مەركىزىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، «شاڭخەي باھاسى»نىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى، شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلدى.
ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا زاكاز مال تېخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا ئىدى، ھازىر ئاسىيادا، خەلقئارادا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. بىزمۇ ھەم بۇ سەۋەبلىك شاڭخەينى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قىلىپ قۇرۇش نىشانىنىڭ توغرا، قەدىمىنىڭ پۇختا، ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشىمىز كېرەك».
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي بوشاشمايدىغان ئاڭلىقلىق، قەتئىيلىكنى نامايان قىلدى.
باش شۇجى بۇ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان شاڭخەي پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى جاڭجياڭ ئىلىم- پەن شەھەرچىسىدىكى كەلگۈسى باغچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، قويۇق پەن- تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى تۇيغۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ: تۆشۈكلۈك ماتېرىيال، ھالقىسىمان RNA، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم، ئىجادىي دورا- داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يەنە «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، قۇرۇقلۇق قاتنىشى، دېڭىز قاتنىشى، ئېنېرگىيە»دىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مۇھىم قورال- جابدۇقلىرى، شاڭخەينىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نام كارتىلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى.
باش شۇجى ئېكسكۇرسىيە تەسىراتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «شاڭخەي قولغا كەلتۈرگەن بۇ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مېنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى، تېخىمۇ زور ئىشەنچكە، تېخىمۇ يېتەرلىك غەيرەتكە تولدۇم».
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالتە قېتىم شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغان ۋە پائالىيەتكە قاتناشقان، بەش قېتىم 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىم جەزمەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا توختىلىپ، شاڭخەينى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «ۋاراتا ئالدىدىكى توپ»نى ياخشى تېپىشكە ئىلھاملاندۇردى.
كۆرگەزمە زالىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، غەيرەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. باش شۇجى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەم «نۆلدىن بىرگىچە» ئۇل خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان ۋەكىللەر بار، شۇنداقلا «بىردىن Nغىچە» كەسىپتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقارغان ۋەكىللەر بار. بۇ، دەل باش شۇجى شاڭخەيگە تاپشۇرغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى دەلىللىدى: «ئىلمىي قانۇنىيەتنىڭ بىرىنچى بايقىغۇچىسى، تېخنىكا كەشپىياتىنىڭ بىرىنچى ياراتقۇچىسى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى يول ئاچقۇچىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش كېرەك».
باش شۇجى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: «قەلبىگە بۇرچ تۇيغۇسىنى پۈككەن كامالەتكە يەتكەن زور تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.» پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا قاراپ سىجىل ئاتاكىغا ئۆتكەندە، ھەرقانداق ئېگىز چوققىغىمۇ چىققىلى بولىدۇ.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا باشتىن- ئاخىر ئېغىشمايدىغان چوڭقۇر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن.
بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن گاۋ ئەيجېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كىرگەندىكى خەۋەر كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، قەلبى چەكسىز ئىللىقلىققا تولدى.
«باش شۇجى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى، بىز ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىشىمىزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.» گاۋ ئەيجېننىڭ ئېنىق ئېسىدە: ئۇ چاغ 2007- يىلى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ شاڭخەي پېڭپۇ يېڭى كەنتى كوچا باشقارمىسى 5- مەھەللىسىگە كېلىپ، گاۋ ئەيجېن تۇرۇۋاتقان ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيگە كىرىپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىنى تەپسىلىي كۆردى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.
شاڭخەيدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» يولداش شى جىنپىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلگەن خەلق تۇرمۇشى تېمىسى بولدى، ئۇ پۇقرالارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان بۇ ئەمەلىي قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قىلىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، «بىزنىڭ شەھىرىمىزنىڭ بىر تەرىپىدە ئېگىز بىنالار، بىر تەرىپىدە مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەپىلىك مەھەللىلەر بولسا بولمايدۇ».
2019- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا قىلغان «شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلىشى كېرەك» دېگەن سۆزى شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قىممەت پىرىنسىپىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 2022- يىلى، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق بەرپا قىلىش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش» پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى.
تۇرالغۇ تىپىدىكى ئىككى ياتاقلىق ئۆيدىن ياتاق تىپىدىكى قوش كىشىلىك، تۆت كىشىلىك ئۆيگىچە، مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىدە، باش شۇجى بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلىش نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.
ياشانغانلارنى كۈتۈش پەرۋىش خادىملىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى... ئۇلار شەھەرنىڭ خىزمەتچىلىرى، قۇرغۇچىلىرى، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى.
شەندۇڭ لىنيىدىن كەلگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى سۇ يۈەنباۋ بۇنىڭدىن كېيىن چوڭراق ئۆي ئىجارە ئېلىپ، بالىسىنى شاڭخەيگە ئېلىپ كېلىپ، يېقىن ئەتراپتا ئوقۇتۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئوخشاشلا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇۋاتقان ئەنخۇي سۇجوۋدىن كەلگەن يىگىت ۋۇ تاۋ ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكا ئېلىشنى، مائاشىنىڭ يەنە ئازراق ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلدى، يەنە قىز دوست تۇتۇشنى، بۇ يەردە ئائىلە قۇرۇشنى ئارزۇ قىلدى. يۇرتى جياڭسۇ يەنچېڭ بولغان ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ پەرۋىش خادىمى چيەن لىلىنىڭ ئارزۇسى تىرىشىپ ئىشلەپ كۆپرەك پۇل يىغىپ، ئوغلىنىڭ بىريۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش ئىدى...
ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى بار، ھەممە ئادەم قالتىس.
باش شۇجى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شاڭخەيگە كېلىپ تۆھپە قوشتى، ئوخشاشلا شەھەرنىڭ ئىگىلىرى ھېسابلىنىدۇ».
شاڭخەي نېمە ئۈچۈن «بۈيۈك شاڭخەي» دەپ ئاتالدى؟
«دېڭىز تامچە سۇنىمۇ قوينىغا ئالغاچقا، بىپايان بولالىغان؛ تاغ تاش- توپا تاللىمىغاچقا، ھەيۋەتلىك بولالىغان. شاڭخەينىڭ بۈيۈك بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ سىغدۇرۇشچان بولغانلىقىدا».
باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ئۈچۈن مىغىزلىق قىلىپ يەكۈنلەپ بەرگەن «ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىدىغان، ئوچۇق- يورۇق ۋە دانا، جاسارەتلىك، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل» شەھەر روھى ۋە «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادىي، سىغدۇرۇشچان» شەھەر پەزىلىتى شەھەرنىڭ قان تومۇرىغا سىڭگەن.
ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش سىياسەتنى مۇھىم ئورۇندا قويىدىغان قەتئىي ئىرادە، شۇنداقلا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەسلىي مەقسەتتە ئىپادىلىنىدۇ.
تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى كېچە- كۈندۈز ئۆركەشلەپ ئېقىپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. ۋاقىت شەرقتىكى سەلتەنەتلىك تارىخىي داستاننى ئارقا- ئارقىدىن پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 12- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)