يېقىنقى مەزگىلدە، دۆلىتىمىزدە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. بۇنداق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان بوۋاقلار، بالىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرمەكتە.
پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى رېن شوۋچېن مۇنداق دېدى: ئاۋستاۋېينىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا تارقىلىشچان زۇكام بىمارلىرى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىش بولغاندا، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاۋستاۋېينى ئىچسە بولىدۇ.
ئەگەر ئېنىق ئۇچرىشىش تارىخى بولمىسا، ئاۋستاۋېي ئىچىش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، ئۇ بەزى ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىغا چىدامچانلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
بولۇپمۇ، بالىلار قالايمىقان يېسە، بالىلارنىڭ جىگەر، بۆرىكىنىڭ يۈكىنى ۋە دورا ئىچىش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)