گۈرۈچتە ئېغىر مېتال قالدۇقى بارمۇ؟ دىيابېت ئاغرىقلىرى گاڭپەن يېسە بولمامدۇ؟ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشىنىسىز! (1)
18:06:50 2023-12-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

گۈرۈچ دۆلىتىمىزدىكى كۆپ سانلىق كىشىنىڭ ئاساسلىق تامىقى، تاماق ئۈستىلىدە مەززىلىك بىر قاچا گاڭپەن يېسە، قورساقنى تويغۇزۇپلا قالماي، يەنە كىشىگە ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئەمما، گۈرۈچ توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن گەپمۇ ئاز ئەمەس، بۇ ماقالىدە گۈرۈچكە مۇناسىۋەتلىك دائىم ئۇچرايدىغان بىر قانچە قاراش رەتلەنگەن، بۈگۈن بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى بىر- بىرلەپ ئېچىپ، ئېنىق كۆرۈپ باقايلى.

گاڭپەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقمۇ؟

كىشىلەرنىڭ دائىم «گاڭپەننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، ئەخلەت يېمەكلىك» دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

ھازىر بىز يەۋاتقان گۈرۈچ ئادەتتە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، سىرتقى پوستى ۋە ئوزۇقلۇق ھەم ماي تەركىبى مول بولغان ئۈندۈرمە بىخى پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلىپ، كىراخمالنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بىر خىللا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ − ئاساسلىقى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار قېلىپ قالىدۇ، شېكەر مىقدارىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

بىراق بۇ گاڭپەننىڭ پۈتۈنلەي ئوزۇقلۇق قىممىتى يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ھەر 100 گىرام گۈرۈچ 77.2 گىرام كاربون- سۇ بىرىكمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىز ھەر كۈنى بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق كاربون- سۇ بىرىكمىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى گۈرۈچتىن قوبۇل قىلىمىز.كاربون- سۇ بىرىكمىسىگە سەل قارىماڭ، ئۇ ئوزۇقلۇق ماددىسى ھاسىل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تەن ساغلاملىقى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئەگەر كاربون- سۇ بىرىكمىسىنى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، قان شېكىرى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا قالماي، يەنە بەدەندە كېتون ھاسىل قىلىپ، ئېغىز بوشلۇقى، تەر، سۈيدۈكتە كۆڭۈلگە تېگىدىغان پۇراق پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ گەپ قىلغاندا ئېغىز پۇراش روشەن بولىدۇ.ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا كىشىلەر توپىنى كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كاربون- سۇ بىرىكمىسىنى قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، ئۆمۈرگە تەسىر يېتىدىكەن. كاربون- سۇ بىرىكمىسى تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە پىرسەنتى پۈتۈن سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن U شەكىللىك باغلىنىش ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، كاربون- سۇ بىرىكمىسى تەمىنلىگەن ئېنېرگىيە پىرسەنتى %50تىن %56كىچە بولغاندا، ئۆلۈش نىسبىتى خەۋپى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، كاربون- سۇ بىرىكمىسى %40تىن تۆۋەن ۋە كاربون- سۇ بىرىكمىسى %70تىن يۇقىرى بولسا تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلۈش خەۋپى مەۋجۇت بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر 100 گىرام گۈرۈچ 7.9 گىرام ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە ھەر كۈنى 200 گىرامدىن 300 گىرامغىچە دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىش تەۋسىيە قىلىنغان، ئادەتتە قارا ئاشلىق بىلەن ئاق ئاشلىقنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنغان. ئەگەر 200 گرام گۈرۈچ، 100 گرام دانلىق زىرائەت يېگەندە، گۈرۈچ تەمىنلەيدىغان ئاقسىل تەخمىنەن 16 گىرام بولۇپ، ئادەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ %30ىنى قاندۇرالايدۇ، بۇ تۆھپە ئاز ئەمەس.

گۈرۈچ يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرىمۇ؟

خەلق ئارىسىدا «ئۇماچتىكى گۈرۈچ يېغى ئادەمگىياھتىن قېلىشمايدۇ» دەيدىغان كونا گەپ بار. يەنە بىر قىسىم پېشقەدەملەر بوۋاقلارغا تولۇقلاش ئۈچۈن گۈرۈچ يېغى بېرىدۇ، گۈرۈچ يېغى راستىنلا قۇۋۋەتلىك بولامدۇ؟

ئۇنداق ئەمەس.

گۈرۈچ يېغى ئادەتتە ئۇماچ قايناتقاندا ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت سىلىق، يېپىشقاق، مەلھەم ياغقا ئوخشاش ماددا بولۇپ، تەركىبىدە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كىراخمال بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى يەنىلا كاربون- سۇ بىرىكمىسى، يەنە بىر قىسىم ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار. كراخماللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسان ھەزىم بولىدۇ.

لېكىن گۈرۈچ يېغىنىڭ ئوزۇقلۇق زىچلىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئۇزاق مەزگىل ئاساسلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە بوۋاقلارغا بېرىلسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەمما، بەزى تەتقىقاتلاردا گۈرۈچ يېغىنىڭ بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈشىنى پەسەيتىش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدىغانلىقى، ئاز مىقداردا تۇز قوشقاندىن كېيىن جىددىي خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈشتىن كېلىپ چىققان سۇسىزلىنىشنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىچى سۈرگەندىن كېيىنكى سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلسە بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئىچى سۈرگەندە سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ، گۈرۈچ يېغىغا تۇز قوشقاندا ئېلېكترولىتلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125