گۈرۈچتە ئېغىر مېتال قالدۇقى بارمۇ؟ دىئابېت ئاغرىقلىرى گاڭپەن يېسە بولمامدۇ؟ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن چۈشىنىسىز! (2)
17:47:15 2023-12-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

گۈرۈچ تامىقى ئۇن تامىقىدىنمۇ ئاسان سەمرىتىۋېتەمدۇ؟

ئورۇقلىماقچى بولغان كىشىلەر توپى گۈرۈچ تامىقى بىلەن ئۇن تامىقىنىڭ زادى قايسىسى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ، دېگەنگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەزىلەر گۈرۈچ تامىقى يېسە سەمرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغاندا بىر تالمۇ گۈرۈچ يېسە بولمايدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇن تامىقى يېسە ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، ئۇن تامىقى يېسە تېخىمۇ ئاسان سەمرىپ كېتىدۇ.

نۆۋەتتە نۇرغۇن تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۈرۈچنى كۆپ قوبۇل قىلىدىغان يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسى سېمىزلىك بىلەن مەنپىي باغلىنىش ھاسىل قىلىدىكەن، ھالبۇكى بۇغداينى كۆپ قوبۇل قىلىدىغان يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسى سەمرىپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

شىئەن قاتناش داشۆسى مېدىتسىنا بۆلۈمى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى جەمئىي 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدە تەتقىقات ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك جەھەتتىكى مايىللىقى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇن تامىقىغا ئامراقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گۈرۈچ تامىقىغا ئامراقلارنىڭ قورساق قىسمىدىكى ياغ تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىقلىق مىقدارى جەھەتتىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ئۇن يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچ تامىقىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، مەسىلەن، خۇاجەر، موما، قۇيماق قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا گاڭپەننىڭ 1.8 ھەسسىسىگە، 2 ھەسسىسىگە، 3.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

شۇڭا، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇن تائاملىرىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

گۈرۈچتە ئېغىر مېتال قالدۇقى بارمۇ؟

گۈرۈچ ئېغىر مېتاللار ئاسان توپلىنىدىغان يېمەكلىك، شۇڭا نۇرغۇن كىشى گۈرۈچ تامىقى يېسە ئېغىر مېتاللاردىن زەھەرلىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

بەزىلەر لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ، جياڭشىدىكى بازاردا سېتىلىۋاتقان گۈرۈچتىن 11 ئۈلۈش ئەۋرىشكە ئېلىپ تەجرىبە قىلغان، نەتىجىدە بۇ 11 ئۈلۈش گۈرۈچ ئەۋرىشكىسىدىكى قوغۇشۇن، ئانئورگانىك ئارسېن، خىروم، ئومۇمىي سىماب، كادمىيدىن ئىبارەت بەش خىل ئېغىر مېتال مىقدارىنىڭ ھەممىسى لاياقەتلىك بولغان، بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆلچەنگەن گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال مىقدارى بىخەتەر دائىرىدە بولۇپ، خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدىكەن.

يەنە بەزىلەر توردىكى تاللا بازارلىرىدىكى گۈرۈچتىن ئىختىيارىي جەمئىي 39 ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن. تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق 39 ئۈلۈش گۈرۈچ ئىچىدىكى تۆت خىل ئېغىر مېتال، يەنى ئارسېن، سىماب، قوغۇشۇن، كادمىي قالدۇقىنىڭ ھەممىسىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكى، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ %100 ئىكەنلىكىنى بايقىغان، گەرچە بىر قىسىم ئەۋرىشكىلەردە ئېغىر مېتال قالدۇقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى دۆلەت يول قويغان بىخەتەرلىك دائىرىسىدە ئىكەن.

بىز گۈرۈچنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن يۇيۇش، چىلاش ۋە قاينىتىش قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر مېتاللارنىڭ مىقدارىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ساغلاملىق خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

گۈرۈچ سېتىۋالغاندا مۇنتىزىم سودا سارايلىرىنى تاللاش كېرەك، مەھسۇلات سۈپەت ئۆتكىلى چىڭ ئىگىلەنسە، كىشىلەر تېخىمۇ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىدۇ، ئەڭ ياخشىسى، كوچا بويىدىكى سۈپەت ئۆلچىمى يوق پارچە گۈرۈچنى سېتىۋالماسلىق كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورالمىدىكى ئىجرا ئۆلچىمىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، سورتى ئوخشاش بولمىغان گۈرۈچنىڭ ئىجرا ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، GB/T19266 ئۆلچىمى ۋۇچاڭ گۈرۈچىگە، GB/T18824 ئۆلچىمى پەنجىن گۈرۈچىگە، GB/T20040 ئۆلچىمى فاڭجېڭ گۈرۈچىگە ۋە GB/T22438 ئۆلچىمى يۈەنياڭ گۈرۈچىگە ماس كېلىدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125