ئانار ئوبزورى | ھەممىنى «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»كە بولامدۇ
16:21:09 2023-12-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

گاۋ ۋا

قەغەز قىيىش «مەكتەپلەرگە كىردى»، تەيجى گۇمپىسى «مەكتەپلەرگە كىردى»، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش «مەكتەپلەرگە كىردى»، پاكلىق تەربىيەسى «مەكتەپلەرگە كىردى» ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك تەشۋىقات- تەربىيە پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمەي ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىردى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بالىلارمۇ خېلى قىينالدى.

بىر تۈرلۈك خىزمەتنى «بالىلاردىن باشلاپ تۇتقاندا»، مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى تۇتاشتۇرۇلىدۇ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى. لېكىن، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان- بولمىغانلىقى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا پايدىلىق بولغان- بولمىغانلىقىدىن قەتئىنەزەر، ھەممە ئىشنى «بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش»، ھەممە ئىشنى «مەكتەپكە كىرگۈزۈش»، ئېنىقكى شەكىلۋازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقنى بىلدۈرىدۇ، بۇنى داۋالاش كېرەك.

«مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»نىڭ ھەقىقەتەن ئىجابىي ئەھمىيىتى بار، بەزى پائالىيەتلەرنىڭ قارشى ئېلىنماسلىقىدىكى مۇھىم ھالقا شۇكى، مەۋقەسى ۋە مەقسىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەقىقىي ئېھتىياجغا قويۇلمىغان. بەزى تارماقلار «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش سەۋىيەسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تەشۋىق- تەربىيە ئۈنۈمىگە پەرۋا قىلمايدۇ، مەكتەپنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىمۇ ئويلاشمايدۇ، تەشۋىقات ئېھتىياجى ياكى نەتىجە باھالاش ئۈچۈن، پەقەت «بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بىر قاتار خىزمەتلىرىنى «دەرس جەدۋىلى»گە سىغداپ كىرگۈزۈپ، تېگىشلىك تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، يەنە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

پاكلىق تەربىيەسىنى «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»نى ئېلىپ ئېيتساق، پاكلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە ئىشنى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن باشلاش كېرەك، بەزى جايلار بالىلار باغچىسىغا قادىلىۋېلىپ، ئۈچ- تۆت ياشلىق بالىلارغا چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى، يەنە كىچىك دوستلارغا پاكلىق ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش، چوڭ خەت يېزىشنى ئۆگەتتى، پائالىيەت قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى، ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر ئۆزى ھەيۋەت بولسىمۇ مەزمۇنىنىڭ تايىنى بولمىغان بۇ پائالىيەتلەرنى «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»كە يول قويۇپ، ئۈستى- ئۈستىگە قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ مەكتەپ ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى خورىتىۋېتىشىگە روخسەت قىلىنسا، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، مائارىپ ئاساسىنى تەۋرىتىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ پىلانى»غا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

مەكتەپ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان جاي، بىرى چۈشسە يەنە بىرى چىقىدىغان «ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى» ئەمەس. مەزمۇنى مۇۋاپىق كەلمىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى «مەكتەپلەرگە كىرگۈزگەن»دىن كۆرە، مائارىپ قانۇنىيىتىگە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، مەكتەپ ئەھۋالى ۋە بالىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىشتىھاسى»غا ياقىدىغان «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»كە لايىق پائالىيەتلەرنى لايىھەلەپ، «مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش»نى ھەقىقىي تۈردە تەربىيىلەش رولىنى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى «مەكتەپكە كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت كېسەلنى ياخشى داۋالاش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125