ئۇنۋان باھالاشتىن ھۆددە قىلىپ ئۆتكۈزگىلى بولامدۇ ؟ يالغان
18:42:45 2023-12-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى، تور بېكەتلىرىدە «ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ۋاكالىتەن بېجىرىمىز»، «ئۇنۋان باھالاشتىن ھۆددە قىلىپ ئۆتكۈزىمىز»، «ئۆتكۈزەلمىسەك ھەق ئالمايمىز» دېگەندەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈردى، يەنە بەزى تورداشلار بىر قىسىم يان تېلېفون APP لىرىنى ئىشلەتكەندە، «ئۇنۋان باھالاشتىن ھۆددە قىلىپ ئۆتكۈزىمىز» دېگەن مەزمۇندىكى ئېلان تەۋسىيە قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، بۇ راستمۇ؟ مۇخبىر بۇنى دەلىللەش ئۈچۈن شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنى ئىزدىدى.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ 4- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ياڭ جۈن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش، باھالاشتا قېلىپلاشقان تەرتىپ بار، شەخسلەر ئىلتىماس قىلىش، ئورۇن كۆرسىتىش، تارماقلار تەكشۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان باھالاش ئاپپاراتى مۇناسىپ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەستىقلاپ ئەنگە ئالغان ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى بولۇپ، تەستىقلاپ ئەنگە ئېلىنمىغان ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش نەتىجىسى بىردەك ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

«ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىش، توردا يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش، ئۆز ئالدىغا باشقا ئۆلكە، باشقا جايلاردا باھالاشقا قاتنىشىش، ئۇنۋان باھالاشتا خىزمەت ئورنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئېرىشكەن ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم بولمىغان يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بولۇپ، ئىناۋەتسىز گۇۋاھنامە ھېسابلىنىدۇ»، دەپ ئەسكەرتتى ياڭ جۈن.

ئۇنداقتا، «ئۇنۋان باھالاشتىن ھۆددە قىلىپ ئۆتكۈزىمىز» دېگەندەك ساختا ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى جياڭ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت يولى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرىدا چوقۇم ھۆكۈمەت سۇپىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇرنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك، ھۆكۈمەت سۇپىسى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش، ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىش قاتارلىق پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توردىكى ھەر قانداق «ئۇنۋان باھالاشتىن ھۆددە قىلىپ ئۆتكۈزىمىز»، «ئۆتكۈزەلمىسەك ھەق ئالمايمىز» دېگەن ساختا ئۇچۇرلارغا، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۇنۋان باھالاش ئاپپاراتى دەپ ئاتىۋالغان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنۋان باھالاش نامىدا كۆپ سوممىلىق پۇلنى ھېساباتقا يۆتكەش، پۇل پېرېۋوت قىلىشنى تەلەپ قىلغان خېتى ياكى تېلېفونلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ تىزىملىكى ھەم ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ھۆكۈمەت كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، كەڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توردىكى يالغان تەشۋىقاتلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەي، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. («ئىقتىساد گېزىتى» مۇخبىرى ۋاڭ جىنخۇ)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125