شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى
21:59:40 2023-12-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى.

 خانويدىن ئايرىلىپ ئايروپورتقا قاراپ ماڭغان يولدا، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى ھەم زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

 ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەن تىڭجو، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى خۇەيجۇڭ قاتارلىق ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى ۋەكىللەر ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125