بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش، تەقدىرداش بولۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش
01:12:34 2023-12-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش، تەقدىرداش بولۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش

 − باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى  2023- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ھەمراھ بولۇپ بارغان مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بۇ يىلقى جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي قارالما بولۇپ، زىيارەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى سەپەر كۈنتەرتىپى ئىنتايىن مول ۋە زىچ بولدى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىلەن رەئىس ۋۇ ۋېنشاڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي ھەم ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتناشتى، نەق مەيداندا يولداشلارچە دوستلۇق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆز قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ، زۇڭلى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن ئايرىم- ئايرىم سۆھبەتلەشتى ۋە كۆرۈشتى. ۋىيېتنام تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆلچەم ۋە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالدى. زۇڭلى فەن مىڭجېڭ، پارلامېنت رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي ئادەتنى بۇزۇپ ئايرىم- ئايرىم ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇزىتىپ قويدى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پەن تىڭجو، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى خۇەيجۇڭ پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولدى. باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بارغانلا جايدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىلەن ئالتۇن رەڭدىكى يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بىر- بىرىگە ھۆسن قوشتى، شۇ جايدىكى ھەر ساھە خەلق ئاممىسى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا بولغان چىن ھۆرمىتى ۋە قىزغىن دوستلۇقى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ۋىيېتنامنىڭ يەرلىك تاراتقۇلىرى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىپ، بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگو قىزغىنلىقى» يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. خەلقئارا تاراتقۇلار يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە مەۋقەنى ۋىيېتنامغا قويدى، ئەتراپقا تەسىر كۆرسەتتى، دۇنياغا يۈزلەندى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، رايون ھەتتا دۇنيا ئەندىزىسىگە مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 بىرىنچى، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى

 جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، سىياسىي تۈزۈمى ئوخشاش، غايە- ئېتىقادى تۇتاش، ئىستىقبالى، تەقدىرى بىر- بىرىگە چېتىشلىق. ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللەت ئازادلىقى كۈرىشىدە بىر- بىرىنى قوللىدى، بىر- بىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ئۆگەندى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى. جۇڭگو ۋىيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى دەپ قارىدى، ۋىيېتناممۇ باشتىن- ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش دەپ قارىدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2017- يىلى ۋىيېتنامنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى زىيارەتكە چىقىدىغان تۇنجى بېكەت قىلدى، 2022- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلغاندىن كېيىن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ يەنە تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. بۇ يىل دەل جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىغا توغرا كەلدى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى باش شۇجىلىرىنىڭ 3- قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئالاھىدە دوستلۇقى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

 ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە سىياسىي تۈزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى كېڭەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا يولداشلارچە سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى چوقۇم ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر تەرەپلىمە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشانلارنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى زور تۆھپە قوشىدۇ. 

 ئىككى تەرەپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت دۇنيادىكى سوتسىيالىزم كۈچلىرىنى زورايتىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، قول تۇتۇشۇپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن يېڭى پەللىگە قەدەم قويدى، يېڭى باسقۇچقا كىردى، يېڭى نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ غايىسى ئوخشاش، ئىدىيەسى تۇتاش بولۇپ، ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش، ياخشى يولداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت، ئادىمىيەت جەھەتتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەر ئورناتقان دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش، ھەم رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىدى.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ قاتارلىق ۋىيېتنام تەرەپ رەھبەرلىرى تەنتەنىلىك ھالدا قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى قوللايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ۋىيېتنام تەرەپ ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم يەرشارىۋى تەشەببۇسلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقى ھەم جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا بولغان مۇھىم يېتەكچىلىكىنى نامايان قىلىپ، كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشمەكتە، ۋىيېتنام تەرەپ قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. ۋىيېتنام مۇستەقىل، ئۆز- ئۆزىگە ئىگە دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ۋىيېتنام دىپلوماتىيەسىدىكى بارلىق ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى توپلانغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋىيېتنامنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ۋىيېتنام- جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، دوستانە بولۇپ باقمىغان، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى ۋە دەخلى- تەرۇز قىلىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ. بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەدە ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈچۈن پۇختا سىياسىي ئاساس سالدى.

 ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر چىقارغان مۇھىم تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىر، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ «شانلىق پەيتى»، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە، شۇنداقلا جۇڭگو- ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ 15 يىلدىن بۇيانقى جۇغلانما يۈكسىلىشى ۋە مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شارائىت پىشىپ يېتىلسە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراپ جەزمەن ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەممىسى قەلبىگە جاھاننى پۈككەن ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزاسى بولۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرغاندىلا، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى چوقۇم پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيا سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ.

 ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتىن يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى 

 ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ۋىيېتنامنىڭ ئىقتىساد جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىقتىساد- سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشى، ئالاقىسى قويۇق. جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە يەرشارى بويىچە 4- چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتى، ۋىيېتنامنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو كارخانىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان خانوي يېنىك رېلىسلىق تۆمۈريولى جۇڭگو- ۋىيېتنام «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قولايلىق ياراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى تېز بولدى، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋىيېتنامدا مەملىكەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ توپىنى قۇردى، ئەخلەت ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان نۇرغۇن ئىلغار ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى قۇردى. بۇ تۈرلەر ۋە نەتىجىلەرنى كىشىلەر زوقلىنىپ سۆزلەيدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

 ھازىر جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ھەم تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە، ھەم بۇ، رېئال ئېھتىياج. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ 30دىن ئارتۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»، تەرەققىيات ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، قاتناش- تىرانسپورت، تەكشۈرۈش- كارانتىن قىلىش، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق، دېڭىز ھەمكارلىقى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ئۈچۈن «ئالتە تېخىمۇ» نىشانىنى بېكىتتى، يەنى سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش تېخىمۇ يۇقىرى بولۇش، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىق تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇش، خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇش، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش تېخىمۇ زىچ بولۇش، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ھەل قىلىش تېخىمۇ ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپ بۇنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد- سودا، خەۋپسىزلىك، يەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق كۆرسەتتى: 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇشى جۇڭگو دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پۇرسەت، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتناملىق يولداشلار بىلەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا دائىر سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتكە پائال ئۇدۇللىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»، «خەۋپ- خەتەردىن يىراق تۇرۇش»ىغا قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەم ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەم ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيا، بولۇپمۇ تىنچ، مۇقىم بولغان ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونى مۇھىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. جۇڭگو يەكلەشچان كىچىك گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، گۇرۇھۋازلىق سىياسىيسى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، لاگېرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، بىخەتەر، مۇقىم، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇنداق قارىدى: دېڭىز مەسىلىسى پەقەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قىسمى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، دېڭىزنى ئورتاق ئېچىشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ مۇھىم ئورتاق تونۇشلار جۇڭگو- ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو- ۋىيېتنام ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە بىر- بىرىنى قوللىشى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشى ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىشىدا يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، جەزمەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

 ئۈچىنچى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق پۈتۈلدى

 ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش، مەدەنىيىتى تۇتاشقان بولۇپ، تارىختا سانسىزلىغان دوستلۇق ئالاقىسىگە دائىر ئېسىل داستانلارنى قالدۇرغان. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە بىر- بىرىنى قوللاپ، يىمىرىلمەس دوستلۇق ئورناتتى. يولداش خۇ جىمىڭ ئەينى يىللىرى جۇڭگودا ئۇزاق مەزگىل ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن «ۋىيېتنام- جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» دېگەن مەشھۇر مىسرالارنى يازغان، بۇ، ھازىرغىچە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ قالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر بېيجىڭدا باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ يېقىندا جۇڭگو- ۋىيېتنام چېگراسىدىكى دوستلۇق پورتىغا مەخسۇس بېرىپ «دوستلۇق دەرىخى» تىكتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى چەكسىز قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.

 بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ۋىيېتنام تەرەپ رەھبەرلىرى يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كېلىشىۋالغاندەكلا قايتا- قايتا تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو- ۋىيېتنام خەلق ئىچى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشنى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام ھەمكارلىقىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇشى، بولۇپمۇ ياشلار، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا بولغان چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ۋە جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، بىرلىكتە جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 -، 70- يىللىرىدا جۇڭگودا ئوقۇغان ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچىلارمۇ، ھەم ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو- ۋىيېتنام دوستلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەر ساھە زاتلىرىمۇ، يەنە جۇڭگو تىل- يېزىقى ئۆگىنىۋاتقان ۋىيېتناملىق ياش ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولغان قاينام- تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، تەقدىرداش بولغان كەلگۈسىگە نەزەر سالدى، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى بىرلىكتە جۇڭگو- ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇش، تىرىشىپ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بولۇش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى دادىل يول ئاچقۇچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىككى دۆلەت ياشلىرى ۋە دوستانە زاتلارنىڭ ئاكتىپ، قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرىدىن، دوستانە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولغۇچىلاردىن ۋە ئورتاق تەرەققىياتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولىمىز. بىزنىڭ شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز باركى، ئىككى پارتىيە ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق قوللىشىدا، جۇڭگو- ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقى جەزمەن ۋاقىت- بوشلۇق ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدۇ.

 دۆلەت باشلىقى رەپىقىسى دىپلوماتىيەسى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتكە نۇرغۇن ئىللىقلىق ۋە ھۆسن قوشتى. پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ كۆپ مەيدان پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ رەپىقىسى ۋۇ شىمىن، دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭنىڭ رەپىقىسى پەنشى چىڭشىننىڭ ھەمراھلىقىدا ۋىيېتنام ئاياللار مۇزېيى ۋە خانوي دۆلەتلىك داشۆسىنى ئايرىم- ئايرىم ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى قارشى تەرەپنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە، قارشى تەرەپنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. دۆلەت باشلىقى رەپىقىسىنىڭ جەلپكارلىققا تولغان دىپلوماتىيەسى ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇشتا ئۆزگىچە مۇھىم رول ئوينىدى.

 ۋاڭ يى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا بۇ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى جۇڭگونىڭ جۇڭنەن يېرىم ئارىلى دۆلەتلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ ۋە لەنساڭجياڭ- مېيگۇڭخې ھەمكارلىقى كۆپ تەرەپ قاتلىمىدىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تاشلانغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم. بۇ قېتىمقى زىيارەت بۇ يىل يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولغان جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ زىيارەتكە چىقىش دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا كىشىلەرگە كېلەر يىللىق جۇڭگو دىپلوماتىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ زور ئۈمىد بېغىشلىدى. يېڭى بىر يىلغا نەزەر سالساق، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125