شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى
20:54:26 2023-12-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

 مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن جايدا كۈچلۈك قار- يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش تىرانسپورت ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار يەنە قاتتىق قەھرىتان سوغۇق ھاۋا رايىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار- يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىنىڭ خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى كەسكىن، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. قاتناش يول ئەھۋالى ھەم توكنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قار- مۇزلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، قاتناش يول تورى، ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىنى قوغداش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن خەتەرلىك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125