شى جىنپىڭ كۇۋەيت ئەمرى ناۋافنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇۋەيتنىڭ يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان ئەمرى مىشالغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 17- كۈنى كۇۋەيت ئەمرى ناۋافنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇۋەيتنىڭ يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغان ئەمرى مىشالغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن ئەمىر ناۋافنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئەمىر ناۋافنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەم كۇۋەيت خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمىر ناۋاف كۇۋەيت خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتلىشىگە ۋە ئىززەتلىشىگە ئېرىشكەن، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو- كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى كۇۋەيت خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو- كۇۋەيت دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشچانلىقىدا، جۇڭگو- كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ناۋافنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇۋەيت باش ۋەزىرى ئەھمەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، كۇۋەيت ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئەمىر ناۋافنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)