شى جىنپىڭ گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بەردى
13:25:30 2023-12-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بەردى

ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،

ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 23تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر. ھازىرغىچە، يەر تەۋرەشتە گەنسۇدا 100 ئادەم ئۆلدى، چىڭخەيدە 11 ئادەم ئۆلدى، بىر قىسىم سۇ، توك، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىدى.

 يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى: گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستىنىڭ جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش- قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ ۋە داۋالاپ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.ئاپەت رايونى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ھاۋا سوغۇق، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋە ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشكە تېزدىن تەشكىللەپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر، خەۋەرلىشىش، قاتناش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. گوۋۇيۈەن ئاپەت رايونىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىكنىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خەتەردىن قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ- قۇتقۇزۇپ ھەم يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.ھازىر قىش پەسلى، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەت رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ئاپەت رايونىغا قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. گەنسۇ، چىڭخەي كۈچ تەشكىللەپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى ھەم چېدىر، قاتلىما كارىۋات، پاختىلىق يوتقان قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا جىددىي يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125