تەيشەن تېغىغا چىقساڭ پۈتۈن جاھاننى كۆرىسەن
11:15:07 2023-12-20
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
لۇ بەگلىكىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ۋۇيۈن سۇپىسى ۋە يىشەن تېغى، تەيشەن تېغى قاتارلىق جايلار كۇڭزى بىلەن شاگىرتلىرى دائىم بارىدىغان جاي ئىدى. كۇڭزى مۇنداق دېگەن: «دۇڭشەن تېغىغا چىقساڭ، لۇ بەگلىكىنى كۆرىسەن، تەيشەن تېغىغا چىقساڭ پۈتۈن جاھاننى كۆرىسەن.» ئۇ بۇ ئارقىلىق شاگىرتلىرىدا كەڭ قورساقلىق ۋە جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىشتەك بۇرچ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر:
阿力米热·艾尼