شى جىنپىڭ لى جياچاۋنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى
23:58:43 2023-12-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر لى جياچاۋ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭ رايون پارلامېنت تۈزۈمىنى قايتا بەرپا قىلىپ، رايون پارلامېنتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، شياڭگاڭنىڭ يۇقۇمدىن ئۆتۈشى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئورنى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، پاراكەندىچىلىكتىن تىنچلىققا ئۆتۈشتەك چوڭ يۈزلىنىشنى پۇختىلاپ، شياڭگاڭنىڭ تىنچلىقتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشىگە قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەركەز باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك، سۇ تىرانسپورت مەركىزىلىك، سودا مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشى ۋە ئۆستۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋزەللىكى جەزمەن ئۈزلۈكسىز نامايان بولىدۇ، بىزنىڭ شياڭگاڭنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار!

 لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125