توخۇ فېرمىسى تىلغا ئېلىنسا، كۆپ ساندىكى كىشى ھەممە يەرنى قىغ بېسىپ، سېسىق پۇراق قاپلىغان قوتاننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ... بىراق يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سېتىلە يېزىسىغا جايلاشقان قەشقەر بافېيتې گۆش چەكلىك شىركىتىنىڭ زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توخۇ فېرمىسىدا باشقىچە بىر مەنزىرە نامايەن بولغان بولۇپ، بۇ توخۇ فېرمىسىغا ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر تولۇق سەپلىنىپ، ئادەتتىكى توخۇ بېقىش «ئەقلىي» توخۇ بېقىشقا ئۆزگەرتىلىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.
(يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى نازاكەت جۈرئەت، قاۋۇلجان ئابلىكىم خەۋىرى)