خىزمەتچىلەر چۈشتە بىردەم ئارام ئېلىۋالسا، چۈشتىن كېيىن ئاندىن روھلۇق خىزمەت قىلالايدۇ. بولۇپمۇ ھەپتە ئاخىرى، ئۇزاق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كارىۋاتتا ئۆتكۈزۈپ، ئۇيقۇنى تولۇقلاش ئارقىلىق «ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ». ھالبۇكى، بەزىلەر «چۈشتە ئۇخلىغانسېرى ھېرىپ كېتىۋاتقاندەك»، «كەچتە ئۇخلىيالماي قىينىلىپ كېتىۋاتقاندەك» ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، بىز زادى چۈشتە ئۇخلىساق بولامدۇ- بولمامدۇ؟
چۈشتە ئۇخلاشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
1. خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قوغدىلىپ ئارام ئالىدۇ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىمۇ مۇناسىپ ئارام ئالىدۇ، ھەرىكەت سەۋەبىدىن خوراپ كەتكەن جىسمانىي كۈچ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇڭا چۈشتە ئۇخلاش چوڭ مېڭىگە قۇۋۋەت قاچىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
2. ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلىغاندىن كېيىن كۆز ئالمىسىنىڭ كىرپىكسىمان مۇسكۇلى تولۇق ئارام ئالىدۇ، ياش بېزى ياش ئاجرىتىپ چىقىرىپ، كۆز ئالمىسىنى نەمدەپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىدۇ.
3. تېرە توسۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇخلاپ قالغاندا مۇسكۇل، ئىچكى ئەزا قاتارلىقلاردىكى خوراش ئازىيىپ، تېرىدىكى قان تومۇرلار تولۇق ئېچىلىدۇ، قان ئۇنى تولۇق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز- ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ھۈجەيرىلەرنى يېڭىلايدۇ. تېرىنىڭ مېتابولىزمى ئۇيقۇ ھالىتىدە ئەڭ جانلىق بولىدۇ.
چۈشلۈك ئۇيقۇ ھەممە كىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ
ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشتە 20 - 30 مىنۇت ئۇخلاش كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
بىرىنچى، ئۇخلاش دەۋرى بەش باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ئالدىنقى ئىككى باسقۇچ نىسبەتەن سەگەك ئۇخلاش، ئۈچىنچى، تۆتىنچى باسقۇچ ئېغىر ئۇخلاش، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ كۆز ئالمىسى تېز ھەرىكەتلىنىش مەزگىلى بولۇپ، چۈش كۆرۈشكە باشلايدىغان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئىككى باسقۇچ 30 مىنۇت ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، ئەگەر بىرىنچى باسقۇچتا ئويغانسا، كىشىگە ئۇخلىمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئىككىنچى باسقۇچتا ئۇخلىغاندا، چوڭ مېڭە بايان خاراكتېرلىك خاتىرىنى بىرىكتۈرۈپ پىششىقلاپ ئىشلەپ، خاتىرىنى مۇستەھكەملەشكە باشلايدۇ. شۇڭا، مۇۋاپىق بولغان چۈشلۈك ئۇيقۇ بىرىنچى باسقۇچتىكى ئۇيقۇدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىدۇ ۋە توختاپ قالىدۇ ھەم قېنىپ ئۇخلاش مەزگىلىگە كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي نېرۋىسى مېڭە توقۇلمىلىرىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېپىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش جەريانىمۇ ئاستىلايدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى توقۇلما ئەزالار مەجبۇرىي ئويغىتىلىپ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلانغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ. ئەمما، ئۇخلىيالمايدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشتە ئۇخلاش كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ قوزغىتىش كۈچىنى ئازايتىۋېتىدۇ، شۇڭا چۈشتە ئۇخلاشنى تەشەببۇس قىلماسلىق كېرەك. مانا بۇ «مەن ئۇخلىيالمىدىم، دوختۇر نېمىشقا مېنى چۈشتە ئۇخلىغىلى قويمايدۇ» دېيىشنىڭ سەۋەبى، ئۇخلىمايدىغان ۋاقىتنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇيقۇ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)