شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئابدۇلفاتاخ سېسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مىسىر مەقسەت- نىشانى بىردەك، بىر- بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ياخشى ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو- مىسىر مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو- مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، جۇڭگو- مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)