تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى ئايلاندۇرايلى، ياخشى قوللىنايلى
− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك سۆھبەت (27)
شىن شىجيەن
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت تېخىمۇ ياخشى ھالدا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، مەيلى دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشتە بولسۇن ياكى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەشتە بولسۇن، ياكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش جەريانىدا توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ياخشى قوللىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى گەۋدىلەندى. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى نىشانلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى ئايلاندۇرۇش، ياخشى قوللىنىش باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، تەكشۈرۈش كۆپ، تەتقىق قىلىش ئاز بولۇش، ئەھۋال كۆپ، تەھلىل قىلىش ئاز بولۇش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر- تەكلىپلەرگە سەل قاراش، ئىشنى پۈچەك، ئابستىراكت قىلىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى مۇھىم نەزەرىيەۋى قوللانما ۋە ئىلمىي ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ «ئەڭگۈشتەرى»، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى مەسىلىنى بايقاشتا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى نىشانلىق ئىش كۆرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ياخشى بولغان- بولمىغانلىقىنى ئۆلچەشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۆلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىغا، ۋاقتىنىڭ قانچىلىك ئۇزاقلىقىغا، شۇنداقلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنىڭ قانداق يېزىلغانلىقىغىلا قارىماسلىق، ئاچقۇچلۇقى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىغا قاراش، مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش- قىلالماسلىققا قاراش كېرەك، ئۇنداق بولمىسا «ئەڭگۈشتەر»مۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى نامايان قىلالمايدۇ. شۇڭا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشىنى ياخشى ئىشلەپ، «مەسىلە تىزىملىكى»نى «نەتىجە تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇش ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى ئەمەلىيەت يولى، شۇنداقلا ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەك ئېھتىياتچان بولۇپ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى ياخشى ئىشلەشتە، تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك، تەكشۈرۈشلا ئېلىپ بېرىپ، تەتقىق قىلمىسا بولمايدۇ. مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش جەريانىنىڭ ئۆزى باش تېما تەربىيەسىدە ئۆگىنىپ، ئىگىلىگەن نەزەرىيەلەرنى تولۇق قوللىنىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جانلىق ئەمەلىيەت. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەھۋالنى ئېنىقلاش، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىش ئىنتايىن مۇھىم، تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش ئوخشاشلا مۇھىم، ئۇنداق بولمىسا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يەنە بىر خىل شەكىلدىكى رەسمىيەتچىلىك بولۇپ قالىدۇ. ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ، تەھلىل يۈرگۈزگەندىلا، ئاندىن پىشىپ يېتىلگەن ئاقىلانە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى، ئاندىن ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى ياخشى ئىشلەشتە، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم يولنى كېڭەيتىش كېرەك، ھەرگىزمۇ باش ئاغرىسا باشنىلا، پۇت ئاغرىسا پۇتنىلا داۋالاشقا بولمايدۇ، بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى قوغلىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى يىغىنچاقلاپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، تاۋلاش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قائىدە- تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر؛ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھازىر بار بولغان خىزمەت مېخانىزمى تۈزۈلمىسىدىكى يوچۇقلارنى تولۇقلاپ ياماپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىز قوغلاپ قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم رولىنى سىجىل، سىستېمىلىق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى ياخشى ئىشلەشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقاش زۆرۈر، تېخىمۇ مۇھىمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش ئارقىلىق قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش زۆرۈر.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى ئايلاندۇرۇپ، ياخشى قوللىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە، قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرساقلا، بىز ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)