مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
11:57:00 2023-12-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

 شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە خىرىسلار تەھلىل قىلىنىپ، 2024- يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023- يىلى، بىز بىرقەدەر ئېغىر تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق كۆپ خىل پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بىرقەدەر تېز ئاشتى، يېزىلاردا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېزا ئىگىلىكى ئاساسىنى قەتئىي بوشاشماي پۇختىلاپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى تەڭ تۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، تېرىلغۇ يەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى ۋە باشقۇرۇش- قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش- ئۆلچەشنى ياخشى تۇتۇپ، يار- يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا- كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

 يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ <مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش> قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىككە ۋە رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم- كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دادۇرنى كېڭەيتىپ تېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش رايونلىرىدا ئۆلكىلەر ئارا توغرا يۆنىلىشلىك مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، 2024- يىلى ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مىقدارى، سۈپىتى، ئېكولوگىيەسىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» قوغداش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمالدىكى قارا تۇپراق رايونى، تۈزلەڭلىك رايونلار، سۇچىلىق سۇغىرىش شارائىتىنى ھازىرلىغان رايونلاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ئالدى بىلەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ بەرپا قىلىپ، سېلىنما ياردەم پۇل سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش- ئۆلچەش، يار- يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار- يۆلەك بولۇش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇس ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا دائىملىق يار- يۆلەك بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا- كەنت نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەنت ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تىنچ- ئامان يېزا- كەنت قۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلاردا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشىگە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت مەدىتى ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەبىئەت قانۇنىيىتى، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خىزمەتتىكى ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋۇ جېڭلۇڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125