يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتايلى
12:31:11 2023-12-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتايلى

 خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

 دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. 12- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە خىرىسلار تەھلىل قىلىنىپ، 2024- يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېزا ئىگىلىكى ئاساسىنى قەتئىي بوشاشماي پۇختىلاپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، خەلقئارادا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتتىكى پايدىسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان، دۆلەت ئىچىدە دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گىرەلەشكەن چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بىز بىرقەدەر ئېغىر بولغان تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق كۆپ خىل پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتۇق، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سىياسىتى يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

 يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ ئاساسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ- خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، قوللىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەرتىپلىك تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچ توپلاپ ياخشى تۇتۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

 ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن- ئاخىر يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.» چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى تەڭ تۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش- قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت جەزمەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىرلىك ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، 2024- يىلى ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، جەزمەن يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش- ئۆلچەشنى ياخشى تۇتۇپ، يار- يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا- كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنت كەسىپلىرىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي يېتىلدۈرۈپ، يېزا- كەنت نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەنت ئورۇنلاشتۇرمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ شەھەر- يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. كېلەر يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125