ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
09:42:57 2023-12-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنى كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنى 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 54 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر كۆكەرتىش نىزامى» «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خامچوتىنى تەستىقلاش، نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14- بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، ليۇ سۇشېنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يولغا قويۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

 شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 拉拉·海力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125