«زو زۇڭتاڭ قىزغىنلىقى» كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى نامايان قىلدى
16:36:01 2023-12-25

«زو زۇڭتاڭ قىزغىنلىقى» كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى نامايان قىلدى

شىن شىجيەن

 ھەربىر تۈپ «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت»كە رەقەملىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە ئارقىلىق ئورنىنى تاپقىلى بولىدۇ، يەنە ھەر ۋاقىت كېسەللىك- ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىقلار بويىچە دەل جايىدا باشقۇرغىلى، قوغدىغىلى بولىدۇ. يېقىندا، شىنجاڭدا «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت»نى قوغداش توغرىسىدىكى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت»نىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، مەردانە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى نەچچە ئەۋلاد ھەر مىللەت خەلقنىڭ سۆگەتنى سۆيۈش، سۆگەتنى قوغداش، سۆگەت تىكىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھېسسىياتى بار. كىشىلەرنىڭ «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت»نى قوغدىشى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۇھىمى زو زۇڭتاڭنىڭ «دۆلەت زېمىنىنى جان تىكىپ قوغداپ، بىر سۇڭ يەرنىمۇ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ۋە ئۇلۇغۋار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.

 «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى» خەلق مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان دەرسلىككە كىرگۈزۈلدى؛ قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى؛ شىنجاڭنىڭ سالمون بېلىقىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، «دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يېگەندە، زو زۇڭتاڭغا رەھمەت ئېيتىش» قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى... بۇ يىلدىن بۇيان، زو زۇڭتاڭنىڭ ئىسمى كۆپ قېتىم ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى ھەم توردا كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قوزغىدى. كىشىلەرنىڭ 100 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا زو زۇڭتاڭنى ياد ئېتىشى، زو زۇڭتاڭنى قەدىرلىشى ئۇنىڭدا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى، قەتئىي ھەرىكىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.

 تارىخنىڭ ئىس- تۈتەكلىرى تارقىلىپ كەتتى، زو زۇڭتاڭنىڭ كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان تۆھپىسى شۇكى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى رەت قىلىپ، قوشۇننى باشلاپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ، «گۇەنسىيىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كىرىپ»، جۇڭگونىڭ ئالتىدىن بىر قىسىم زېمىنىنى ساقلاپ قېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان بۇ خىل ئىرادە ئالتۇندەك قىممەتلىك. خۇددى تورداشلار ئېيتقاندەك، «جۇڭخۇا مىللىتى ئار- نومۇستا قالغان ئاشۇ يىللاردا، زو زۇڭتاڭ قەتئىي ئىرادىگە كەلمىگەن بولسا، جۇڭگو 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى، شىنجاڭ قەدىمدىن بۇيانقى ئانا قوينىدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتى».

 جۇڭخۇا تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى، كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى، زو زۇڭتاڭنىڭ دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىندى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نامرات كىشى ئەيسا ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئىئانە قىلىشقا پۇلى بولمىغاچقا، 18 ياشلىق ئوغلىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتتى؛ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق ماكانىنى قوغدىدى... تارىخ بىر ئەينەك، ئۇ رېئاللىقنى يورۇتىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسىنىمۇ يورۇتىدۇ. بۈگۈنكى «زو زۇڭتاڭ قىزغىنلىقى» دەل ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، بىرلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقىنى نامايان قىلدى.

 دۆلەت مۇھەببىتى مۇھىم تارىخىي پەيتلەردە چاقناپلا قالماي، يەنە تۇرمۇش خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقان ھەربىر كۈندە ئەكس ئېتىدۇ. «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدو چېگرا لىنىيەسىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىقتى، چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن ئۇدا ئون نەچچە يىل ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقاردى... بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى شىنجاڭنىڭ ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىغا سىڭىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، ئەڭ قويۇق ھېسسىياتقا ئايلاندى.

 «يېڭىدىن تىكىپ تال تېرەك 3000 چاقىرىم، باھار شامىلىنى چىللاپ كەلدى يۈمېنگۇەندىن.» تىيانشان ئېتىكىدىكى «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەت» لەر ھەيۋەتلىك، كۈچلۈك ئىدى، «بىر توپ بىلەنلا غەلىبە قىلىش» زەمبىرەك سۇپىسىدىكى چوڭ زەمبىرەكنىڭ ئۇچى ئاسمانغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل زو زۇڭتاڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئېگىلمەس- سۇنماس جاسارىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بىز زو زۇڭتاڭغا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدا يۇرت تىنچ- ئامان، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى؛ بۈگۈنكى كۈندىكى جۇڭگو گۈللىنىپ قۇدرەت تاپتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى. جۇڭگولۇقلارنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125