مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى
21:21:50 2023-12-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

12- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدىكى 1- ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى بېيجىڭدىكى 1- ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لاردا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار: جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ ۋېنچۈەن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى خۇ جۇڭمىڭ.

 شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئىككى ئوفىتسېر كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپەتتە رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان ئىككى ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

 ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

 مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125