يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى
11:01:53 2023-12-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«شىنجاڭ  گېزىتى» ئوبزورچىسى 

 بايراق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىدىيە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى، رولىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «يەتتە جەھەتتىن كۈچەش» مۇھىم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، بىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدىكى قۇدرەتلىك قورال بولۇپ قالدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

 شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە، مەدەنىيەتنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»تىكى ئىچكى مەزمۇن خاراكتېرلىك، يىراق كەلگۈسى خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشتا، كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يۇقىرى ئۆرلىدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ دائىرىدە ئەۋج ئالدى، بازا قۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، شىنجاڭ ئوبرازى ئۈنۈملۈك يارىتىلدى، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يەنىلا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. بىز دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تارىخىي ئورۇننى توغرا تېپىپ، مەسىلە، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىدا دىققەتنى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋى ئىدىيەنى كەڭ تارقىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى مول رايوندىن مەدەنىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم تاشلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

 مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125