ئىچىدىغان «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى» قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەمدۇ؟
14:18:51 2023-12-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پىتنە- ئىغۋا:

دىيابېت ئاغرىقلىرى دورا يېمىسىمۇ، ئىنسۇلىن ئۇرمىسىمۇ بولىدۇ، «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى»نى ئىچسىلا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بەزى سودىگەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى» بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە بولۇپ، فارماكولوگىيەلىك رولى ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ئىنسۇلىنى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن، يەنە ھۈجەيرىلەرنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

رەددىيە:

دىيابېت 1 تىپلىق دىيابېت ۋە 2 تىپلىق دىيابېت دەپ ئايرىلىدۇ.1 تىپلىق دىيابېت ئادەتتە ئاغرىقنىڭ يېشى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدا قوزغىلىدۇ، سەۋەبى β ھۈجەيرە ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ «مۇتلەق يېتىشمەسلىكى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك قوزغالغان ھامان، تاشقى مەنبەلىك ئىنسۇلىن تولۇقلاش ئارقىلىق داۋالاش كېرەك؛ 2 تىپلىق دىيابېت ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەتتە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا قوزغىلىدۇ، ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ «نىسپىي ياكى مۇتلەق يېتەرلىك بولماسلىقى» ۋە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، دورا ئىچىش ئارقىلىق β ھۈجەيرىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى غىدىقلاشقىمۇ، دورا ئىچىش ئارقىلىق ئىنسۇلىنغا قارشىلىقنى ياخشىلاشقىمۇ، يەنە تاشقى مەنبەلىك ئىنسۇلىن تولۇقلاش ئارقىلىق قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاش دىيابېت ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى» تەبىئىي ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋېلىنغان ئىكەن، يۈزدەيۈز ساپ تەبىئىي، بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلىققا ئىگە ئىچىدىغان ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى بولۇپ، ھېچقانداق زەھەرلىك قوشۇمچە تەسىرى يوقكەن، تايىنىشچانلىقمۇ پەيدا قىلمايدىكەن ھەم 1، 2 تىپلىق دىيابېتنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىكەن. بۇ بىر يۈرۈش سۆز قارىماققا ناھايىتى ئىلمىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نۇقسانلىرى ناھايىتى كۆپ.

بىرىنچى، ئۆسۈملۈكتە ئىنسۇلىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭغا تېببىي ساھەدە بۇرۇنلا ھۆكۈم چىقىرىلغان. 1921- يىلى كانادالىق بانتىڭ بىلەن بېست ھايۋانلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدىن ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ ئېلىپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر كىلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئادەم ئىنسۇلىنى گېننى قايتا گۇرۇپپىلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان، «ئۆسۈملۈكتىن ئىنسۇلىن ئېلىش»نىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق.

ئىككىنچى، ئىچىدىغان ئىنسۇلىن تېخى دۇنياغا كەلمىدى. ئىنسۇلىن بىر خىل ئاقسىل بولۇپ، ئىچكەندىن كېيىن، ئاقسىل ھەزىم قىلىش يولىنىڭ لۆمۈلدىشىگە ئەگىشىپ ئاشقازانغا يېتىپ بېرىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى، ھەزىم قىلىش فېرمېنتى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھىدرولىزلىنىپ، ئىنسۇلىندا بولۇشقا تېگىشلىك بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا، ئىنسۇلىننى «ئىچىش»كە بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى»غا قوشۇلغان غەربچە دورىلار ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قىسىم زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار پۈتۈنلەي ئاچچىق كاۋا، قارا بۇغداي قاتارلىق تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن كەلگەن دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر خىل ئىچىدىغان دورا − گېلېيبېننياۋ قوشۇلغان. گېلېيبېننياۋ ئادەم بەدىنىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى β ھۈجەيرىسىنى غىدىقلاپ تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئىنسۇلىن يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. لېكىن گېلېيبېننياۋ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان شېكىرى تۆۋەنلەش رېئاكسىيەسى ئىنتايىن جاھىل بولۇپ، مىقدارىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر ئالدى بىلەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر دىيابېت ئاغرىقلىرى گېلېيبېننياۋ قوشۇلغان «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى»نى ئىستېمال قىلىپ، قان شېكىرى تۆۋەنلىسە، ماھىيەتتە گېلېيبېننياۋ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ، ئەگەر دورا ئىشلىتىش مىقدارى ئېنىق بولمىسا، ئاسانلا قان شېكىرى داۋالغۇپ ياكى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئاغرىقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ.

ئومۇمەن، ئاغرىقلارنىڭ ئاتالمىش «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى»نى ئىستېمال قىلىشنى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورا ۋە ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. دىيابېت ئاغرىقلىرى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئۇزاق مۇددەت داۋالىنىشى، يېمەك- ئىچمەكنى تىزگىنلەش ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئاساسىدا، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى ۋە ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىغا ئاساسەن، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇزاق مۇددەت مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىشى ھەم قان شېكىرىنى ئۆلچەپ تۇرۇشى، ئاتالمىش قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئاجايىپ دورا − «ئۆسۈملۈك ئىنسۇلىنى»غا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125