باشلىنىش يىلى، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ھېكايىسى
21:01:30 2023-12-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

 بۇ يىل پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە كېڭەيمەكتە.

 «تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەت، بىر رايون گۈللىنىش ئۈچۈن، جەزمەن تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى بويىچە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭ تارىخ ۋە دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولۇش ئىچكى لوگىكىسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

 2023- يىلى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ تۆت قېتىم زىيارەتكە چىقتى، زىيارەتكە كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن دۆلەت ئىچىدە نەچچە ئون قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، خاڭجوۋ 19- نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى، چېڭدۇ 31- نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي مەيدان پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى قاتناشتى.

 ھەربىر قېتىملىق چىن قەلب بىلەن ئالاقە قىلىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھەربىر كۆرۈنۈش، ھەربىر ئۇنتۇلغۇسىز دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ھېكايىلىرى...

 ( 1 )

 «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەرنى ھەل قىلىش چوڭ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ»

 3- ئايدىكى موسكۋا، سالقىن ھاۋادا باش باھارنىڭ ئىللىق ھىدى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

 يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم رۇسىيە زېمىنىغا قەدەم قويۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، تىنچلىق سەپىرىنى باشلىدى.

 كىرېمىل سارىيىنىڭ ئازادە، يورۇق مېھمان كۈتۈش زالىدا، ئاق رەڭلىك كىچىك چاسا ئۈستەل ئۈستىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. 3- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن مانا مۇشۇنداق ئىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قەدىناس دوستى رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

 ئىككى رەھبەر تاكى قاراڭغۇ چۈشكەنگە قەدەر يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ، ئەتىسى كۆرۈشۈشكە كېلىشتى.

 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئالېكساندىر زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئالتۇن رەڭلىك چوڭ ئىشىك ئاستا- ئاستا ئېچىلدى. ئىككى نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن يانمۇيان مېڭىپ كەلدى.

 كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتلىشىش، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەتلىشىش، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، قارشى ئېلىش زىياپىتى، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى ئالتە سائەت پىكىر ئالماشتۇردى.

 رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، رۇسىيە بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي لوگىكىغا ئۇيغۇن، بۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، ۋاقىتلىق بىرەر ئىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ».

 ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2023- يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىدا 200 مىليارد دوللارلىق نىشان مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە كەڭ ئىستىقبالى نامايان قىلىندى.

 پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، چوڭ دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئىگە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، ئۇلارنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداشتا تېخىمۇ زور رول ئويناپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى بار.

 بۇلتۇر 11- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن بالى ئارىلىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

 بېيجىڭ − سان فىرانسىسكو، بىپايان تىنچ ئوكياندىن ھالقىش.

 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، فىلولى قورۇقىدا، جۇڭگو- ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. سۆھبەتلىشىش، چۈشلۈك زىياپەتنىڭ پۈتۈن جەريانىدا تەڭ قەدەملىك ئېغىزچە تەرجىمە شەكلى قوللىنىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تۆت سائەت ئەستايىدىل پاراڭلاشتى.

 چۈشلۈك زىياپەتتىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭغا يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئالاھىدە كۆرسەتتى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ 1985- يىلى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، سان فىرانسىسكوغا زىيارەتكە بېرىپ گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت ئىدى. «سىز ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپسىز!» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن. نەق مەيداندا بىر پەس ئازادە، خۇشال كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

 ئايرىلىش پەيتىدە، زۇڭتۇڭ بايدېن رەئىس شى جىنپىڭنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئاپتوموبىلنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز «چىرايلىق ئىكەن» دەپ ئارقا- ئارقىدىن ماختاپ كەتتى.

 رەئىس شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملارغا ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا ئىشارەت قىلدى، زۇڭتۇڭ بايدېن بېشىنى تىقىپ تەپسىلىي كۆردى.

 «قىزىلبايراق ئاپتوموبىلى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.

 بىر بۆلەك قىسقىغىنا پاراڭغا بىر بۆلەك يوشۇرۇن ئوخشىتىش مۇجەسسەملەنگەن: جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ گەرچە تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالسا تامامەن بولىدۇ.

 ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا، ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە 20 نەچچە تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

 «مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رول باشقۇرغۇچىسى، خەلققە، دۇنياغا، تارىخقا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان.» بۇ، چوڭ دۆلەت داھىيسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇرى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى.

 يەرشارى شۇ قەدەر چوڭ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى سىغدۇرالايدۇ. دۇنيا شۇ قەدەر كەڭ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ قول تۇتۇشىدىغان ھەمراھلارنى تاللىسا بولىدۇ.

 بەييۈن تېغى ئېتىكى، نەنخۇ ساھىلى. گۇاڭجوۋ سۇڭيۈەندە قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى.

 4- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن «گالىستۇك تاقىماي»، ھويلىدا سەيلە قىلىپ، ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، لىڭنەن باغچىسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى.

 سۇڭيۈەندىكى بەييۈن زالىدا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى گۇچىندا ئورۇنلانغان «ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇ» ناملىق مۇزىكىدىن ھۇزۇرلاندى.

 ماكرون قىزىقىپ مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى سورىدى. «بۇ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى ناھايىتى گۈزەل بىر ھېكايە، ئۇنىڭدا يۈ بويا بىلەن جۇڭ زىچى سۆزلەنگەن بولۇپ، <سىرداش>لار نامايان قىلىنغان، پەقەت <سىرداش>لارلا بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ مېھمانغا شۇنداق تونۇشتۇردى ھەم خىزمەتچى خادىملارغا مۇزىكا نوتىسىنى زۇڭتۇڭ ماكرونغا ھەدىيە قىلىشنى تاپىلىدى.

 ئېگىز تاغ، ئېقىن سۇلار سىرداش ئىزدىدى. مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقە يولى مۇجەسسەملەنگەن.

 زىيارەت ئاخىرلاشقان پەيتتە، زۇڭتۇڭ ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگونىڭ ئۇزاق، شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىدىن يەنىمۇ بەھرە ئېلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچەم ئاشتى. ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئارقا- ئارقىدىن نۇرغۇن ماقالە ئېلان قىلىپ، «فىرانسىيە- جۇڭگو دوستلۇقى ياشىسۇن» دەپ مەدھىيەلىدى.

 بۇ يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك.» رەئىس مىچېل بىلەن رەئىس ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، باراۋەر بولغان ھەمكارلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىۋاسىتە ھالدا ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

 ( 2 )

 «باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن باشتىن- ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش»

 11- ئاينىڭ 19- كۈنى، سولومون تاقىم ئاراللىرى. جۇڭگو ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن تەنتەربىيە مەيدانىدا 17- نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى.

 «جۇڭگو بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى.» باشلىنىش مۇراسىمىدا، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارې ھەرقايسى تەرەپلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەندە، ئالدى بىلەن جۇڭگونى تىلغا ئالدى.

 7- ئايدا، زۇڭلى سوگاۋارې جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ 17- نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.» كۆرۈشۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان سىياسىتىنى «تۆتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىش» بىلەن ئىپادىلىدى: ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ.

 جۇڭگونىڭ چۈشەنگەنلىكى، ھۆرمەت قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى زۇڭلى سوگاۋارېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىز مۇستەقىل بولغان 45 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى».

 مەيلى دۆلەت چوڭ- كىچىك، باي- نامرات، كۈچلۈك- ئاجىز بولسۇن، جۇڭگو ھەممىگە بىر كۆزدە قارىدى، باراۋەر مۇئامىلە قىلدى. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ھەقتە ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە.

 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئارىدىن 19 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 شىخۇ دۆلەت مېھمانخانىسىدا زۇڭتۇڭ بەشىر بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ سۇرىيەنىڭ سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇشى، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سۇرىيەنىڭ قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

 ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەنھەرىكەتچىلەر مەيدانغا كىرگەندە، سۇرىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ بەشىر ھاياجانلانغان ھالدا: جۇڭگو «ئۇلۇغ ھەم كەمتەر» دېدى. لىڭيىن بۇتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، زۇڭتۇڭ بەشىر ۋە رەپىقىسى ئەسما قىزغىن، دوستانە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن قاتمۇقات ئورىۋېلىندى، بىر ئايال ساياھەتچى ئەسمانى «سىز بەك چىرايلىق ئىكەنسىز» دەپ ماختىدى، ئەسما تەسىرلەنگەن ھالدا: «سىلەرنىڭ بىر گۈزەل دۆلىتىڭلار بار» دېدى.

 جۇڭگوغا كېلىپ تىنچلىق ئۈمىدى ئۈستىدە ئىزدەندى، جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىدى، جۇڭگوغا كېلىپ دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتتى. بۇ بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئەڭ كۆپ يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغىنى يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى دوستلار بولدى.

 بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا ئەسلىي 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغانىدى، كېيىن سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە، سەپىرىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھال سورىدى: «زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن».

 ئىككى تەرەپ ناھايىتى تېزلا يېڭى زىيارەت مەزگىلىنى كېڭىشىپ بېكىتتى. 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لۇلا ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، «يېڭى دەۋر» ناملىق بىرازىلىيە مۇزىكىسى لەرزان ياڭرىدى. تونۇش ھەم يېقىملىق مېلودىيەنى ئاڭلاپ بىرازىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى نۇرغۇن ئەزانىڭ كۆزىگە ياش كەلدى.

 زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە سودىغا مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى «لۇلانىڭ يۈك- تاق ساندۇقى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ۋە ھەمكارلىق پىلانى بىلەن لىق تولدى» دەپ خەۋەر بەردى.

 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قەدەم قويۇپ، «ھەسەن- ھۈسەن دۆلىتى» − جەنۇبىي ئافرىقىغا كەلدى.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15- قېتىملىق ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە جەنۇبىي ئافرىقا ئورۇنلاشتۇرغان بىردىنبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى. گەرچە ناھايىتى ئالدىراش بولسىمۇ، زۇڭتۇڭ رامافۇسا يەنىلا مەخسۇس كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرىم كېچىدە ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى، ئەتىسى رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

 8- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچ، جوھاننىسبۇرگ. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى، ئافرىقىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

 «2013- يىلى مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، تۇنجى زىيارىتىمدىلا ئافرىقىغا كېلىپ، ئافرىقىغا قارىتا چىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.» رەئىس شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.

 ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كوللېكتىپ كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ «ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش، «جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش پىلانى»نى يولغا قويۇش، «جۇڭگو- ئافرىقا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق پىلانى»نى يولغا قويۇش، ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 ھەرقايسى تەرەپلەر كېلەر يىلى جۇڭگودا كېيىنكى نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى.

 رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا سەپىرىدە، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى كۆزدە تۇتتى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت نامايان قىلىشنى، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۆزلىدى.

 8- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جوھاننىسبۇرگ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھ بولدى − كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئارگېنتىنا، ئىران، ئېفىيوپىيەنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدى.

 «بۇ قېتىمقى ئەزا كۆپەيتىش تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.» رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى ئەزالارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىر- بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتتى.

 ئۆزئارا بىلىش يىراق- يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە، ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيادىكى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئارزۇسى بار دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى جەلپ قىلماقتا −

 ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي، شەندۇڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغاندا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ «ۋېنېزۇئېلا تەرەپ بىلەن ئالاقىدار تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايمىز» دەپ بىلدۈردى؛

 ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې زىيارەتكە كەلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، زۇڭتۇڭ لاكاللې خۇشال ھالدا «خەلق قۇرۇلتىيى» دېگەن خەت بېسىلغان قىزىل قېرىنداشنى خاتىرە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ قالدى؛

 ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو جۇڭگو- ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، زۇڭتۇڭ كاستىرو ھاياجانلانغان ھالدا كىچىك دوستلارغا «يۈرەك» قول ھەرىكىتىنى كۆرسەتتى. ئۇ چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى «ھەققانىي كىشىلەرنى يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تولۇپ، ئۆزى خالاپ سەپكە قوشۇلۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدۇ» دېدى.

 ( 3 )

 «ئەتراپىمىزدىكىلەر كۆچۈپ كەتمەيدىغان قوشنىلار، قوشنا بولۇپ ئۆتۈش ئۆزىمىزگە ياردەم قىلغانلىق»

 «بۈگۈن سىزنىڭ 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىڭىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى يەنە بىر قېتىم مۇبارەكلەيمەن. بۇ ئالاھىدە كۈندە، سىزنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىڭىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا سىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس رىشتىڭىزنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى».

 5- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەنشى مېھمانخانىسى. مېھمان بىلەن ساھىبخان ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېفقا تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەخت تىلىدى.

 «رەھمەت.» جۇڭگودا كۆپ يىل بىلىم ئاشۇرغان ۋە خىزمەت قىلغان زۇڭتۇڭ توقايېف خۇشال ھالدا جۇڭگو تىلىدا جاۋاب قايتۇردى.

 چاڭئەندە يەنە كۆرۈشۈش، قىممەتلىك قايتا ئۇچرىشىش. باش يازدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن شىئەندە جەم بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

 جاھانغا كەڭ قورساق بولىدىغان، ھەممىنى سىغدۇرىدىغان تاڭ سۇلالىسىگە تەقلىد قىلىنغان شەھەرگە كىرىش مۇراسىمى؛ قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى لياڭجياخې تېرىقى، فۇپىڭ شىزى ھارىقى، قوي گۆشى شورپىسىغا چىلانغان موما؛ «بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو» دېگەن خەت ئويۇلغان دۆلەت سوۋغىسى − «خې زۇن» ... ھەربىر تۈرلۈك كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان جۇڭگو ھېكايىسىنى بايان قىلماقتا، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ لەۋزىدە تۇرۇپ ئىناقلىق بەرپا قىلىش، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈشتەك چوڭقۇر ئاساسىنى نامايان قىلماقتا.

 «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىز بۇ ئەۋلاد رەھبەرلەر كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى شۇنداق بايان قىلدى، «بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز».

 باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر «شىئەن خىتابنامىسى»نى ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى.

 ئايرىلىش پەيتىدە، ھەرقايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى گۈرجەك بىلەن توپا يۆلەپ، بىرلىكتە ئالتە تۈپ ئانار كۆچىتى تىكتى، بۇ، ئالتە دۆلەتنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىندى.

 «سىز ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ يول باشلىغۇچىسى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكى، گۈللىنىشىنىڭ قوغدىغۇچىسى.» ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ غەربتە ياڭگۇەندىن چىقىشىدىكى ئەڭ سەمىمىي قەدىناس دوستى».

 «Whoosh»، ھىندونېزىيەدە، جاكارتا- ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان، بۇ، گاۋتيېنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتكەن چاغدىكى ئاۋازىنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن.

 10- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى، رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن بىرلىكتە جاكارتا- ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىنىڭ رەسمىي قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشكەنلىك يوپۇقىنى ئاچتى. 5000 كىلومېتىردىن كۆپرەك يىراقلىقتا، جاكارتا خەلىم ۋوگزالىدا، G1137− قېتىملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ھىندونېزىيە گاۋتيې دەۋرىگە قەدەم قويدى.

 «جاكارتا- ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى <ئالتۇن خەتلىك ماركا>، جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جاكارتا- ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ئىقتىساد بەلبېغىنى يېتىشتۈرۈشنى خالايدۇ» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جوكوغا.

 شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاكارتا- ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتا بىلەن داڭلىق ساياھەت شەھىرى ۋەنلۇڭنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مۇساپىنى 40 نەچچە مىنۇتقا قىسقارتتى. زۇڭتۇڭ جوكو بۇنى ھىندونېزىيەنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۆزى كۆپ قېتىم قۇرۇلۇش مەيدانىغا باردى.

 «10 يىللىق ئەجىر مول مېۋە بەردى، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى رايوندا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگو- ھىندونېزىيە ھەمكارلىقىنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىنى يەتكۈزدى.

 12- ئايدىكى خانوي خۇددى باھاردەك ئىللىق ئىدى.

 قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن رەسمىي سۆھبەتلىشىشكىچە، ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىشىغا گۇۋاھ بولۇشتىن چاي ئىچكەچ كىچىك دائىرىدە پاراڭلىشىشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قايتا- قايتا مەھكەم قول ئېلىشتى.

 ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان 40 پارچىغا يېقىن ھەمكارلىق ھۆججىتى نۇسخىسى كۆرگەزمە قىلىنغانىدى. بۇ، ئىككى سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغانلىقىنىڭ جانلىق دەلىلى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خانوي سەپىرىگە ۋىيېتنام تەرەپ ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلدۈردى. نويباي ئايروپورتىدىن چۈشكەن مېھمانسارايغىچە، كۇاڭ ترۇڭ مەيدانىدىن سۆھبەت نەق مەيدانىغىچە ھەممە يەر دوستلۇق دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.

 «بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭدا گۈزەل تەسىرات قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ.

 «مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغىنى شۇكى، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ <ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش> دەپ قايتا- قايتا تەكىتلىدى، بۇ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاساسىي نۇقتىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ يولنى بويلاپ قەتئىي ماڭساقلا، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە چوقۇم يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتالايمىز.

 بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو- ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

 ئۇرۇق- تۇغقانلار ئېجىل ئۆتۈش، قوشنا- قولۇملار ئىناق ئۆتۈش. بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى.

 بۇ بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشى مۇنداق بىر داۋلىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى: «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئىشنى ئاسىيادىن باشلاش كېرەك» «ئاسىيا بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەر كۆچۈپ كەتمەيدىغان قوشنىلار، قوشنا بولۇپ ئۆتۈش ئۆزىمىزگە ياردەم قىلغانلىق».

 ( 4 )

 «ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىش كېرەك»

 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، رەئىس شى جىنپىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن 13 ياشلىق بېنگاللىق قىزچاق ئارىفە . چىن ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالماي قالغانىدى.

 2010- يىلى، چىننىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىدى. «تىنچلىق كېمىسى» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتىغا ئەگىشىپ بېنگالغا زىيارەتكە كەلگەن جۇڭگولۇق دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئانا- بالىنىڭ تىنچ- ئامانلىقىنى قوغدىدى. چىننىڭ دادىسى جۇڭگولۇق دوختۇرلارنىڭ ئانا- بالىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېنگال تىلىدا «جۇڭگو» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «چىن» سۆزىنى قىزىغا ئىسىم قىلىپ قويدى.

 بۇ يىل، چىن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاھىدە رىشتىنى بايان قىلدى.

 «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، چىن شى بوۋىسى قايتۇرغان جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ چىننىڭ گۈزەل ياشلىق مەزگىلىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، ئائىلىسىگە ۋاپادار بولۇشىنى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 چىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سەپىرىم ئۆگىنىش نىشانىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، «مەن جۇڭگو تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، شى بوۋامغا يازغان خېتىمدە ئېيتقاندەك، بالدۇرراق ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى بولىمەن».

 خەت مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان، خەت گويا يېرىم دىدار. ھەربىر پارچە خەت چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇق رىشتىنى تۇتاشتۇردى −

 گىرېتسىيە ئالىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو- گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى؛ جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ)دە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ جۇڭگو- ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ مۇز يېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى...

 11- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچ، سان فىرانسىسكو، ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلار رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچۈن بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەتتىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان تونۇشقان ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ 103 ياشلىق پېشقەدەم ئەسكىرى خاررى مويې بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا يەنە سەددىچىن سېپىلىگە چىققانلىقىنى ماختىدى. نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قان بىلەن ئوتتا تاۋلانغان دوستلۇقى چوقۇم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

 بۇ يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىلىق نۇرغۇن دوستلار بىلەن كۆرۈشتى.

 6- ئاينىڭ 16- كۈنى، بېيجىڭدا بىل گايتىس بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى خەلق ئارىسىدا، بىز باشتىن- ئاخىر ئامېرىكا خەلقىدىن ئۈمىد كۈتىمىز، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، كېسىنگىر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالايىتەن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانسارىيىنىڭ 5- نومۇرلۇق بىناسىنى كۆرۈشۈش ئورنى قىلىپ تاللىدى. بۇ دەل كېسىنگىر تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا زۇڭلى جوۋ ئېنلەي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن جاي ئىدى. بۇ، كېسىنگىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، تۆت ئايدىن كېيىن ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: «دوكتور كېسىنگىرنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە ياد ئېتىدۇ».

 2023- يىلى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلق ئىچى ۋە يەرلىكلەر ئالاقىسى كۈنسېرى جانلاندى: «گۇلىڭ دوستلۇقى»دىكىلەر ئىلگىرى تۇرغان جاينى قايتا ساياھەت قىلدى، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى نيۇسون جۇڭگودا «چوڭقۇر» زىيارەتتە بولدى، جۇڭگو- ئامېرىكا دوست شەھەرلەر يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، فىلادېلفىيە سىمفونىيە ئوركېستىرى جۇڭگوغا كېلىپ خاتىرىلەش ئويۇنى قويدى...

 سان فىرانسىسكودىكى قارشى ئېلىش زىياپىتىدە، يېڭى، كونا دوستلار خۇشال بىر يەرگە جەم بولدى: 1985- يىلى تونۇشقان ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى دوستلاردىن ساراھ راندىي، برانستاد، گېنېرال ستىۋېينىڭ ئەۋلادلىرى، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى دوستلار قاتارلىقلار مەخسۇس كەلدى؛ تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇك قاتارلىق داڭلىق كارخانىچىلار بەس- بەستە نەق مەيدانغا كەلدى...

 رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغان ھامان قايتا تاقىلىپ قالمايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئىشلىرى باشلانغان ھامان يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ. خەلقنىڭ دوستلۇق دەرىخى بوي تارتىپ ئۆستى، شۇڭا ئۇ چوقۇم بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ».

 10- ئايدا، جۇڭگودا كۆپ يىل خىزمەت قىلغان 73 ياشلىق كۇبالىق ئالىم فىدېل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

 «مەن يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ پەن- تېخنىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.» خېتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە فىدېلغا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

 فىدېل تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بالىلىق چاغلىرىمدا ئاتا- ئانام ماڭا، ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرچى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دېگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، رەئىس شى جىنپىڭ مېنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن ئىلمىي تەتقىقاتنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

 ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىدىن چوڭ دۆلەت داھىيسىغىچە، شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ يىل، چەت ئەللىك دوستلار تىزىملىكىدە يەنە قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، سەنئەتكارلار ۋەكىللىرى، ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر كۆپەيدى...

 «ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا جەزمەن خەلق ئارىسىدىن ئۇل تېپىش، خەلق ئارىسىدىن كۈچ توپلاش كېرەك، بۇنى خەلق ئورتاق تاماملايدۇ.» بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قەتئىي ئېتىقادى.

 ( 5 )

 «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش داغدام يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش»

 9- ئاينىڭ 1- كۈنى، بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بېنىن زۇڭتۇڭى تالون ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

 مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا چىقىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ نەزەر سالدى: تيەنئەنمېن مەيدانى، دۆلەت مۇزېيى ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك ئىدى، ئېگىز «جۇڭگو زۈن»، ئاۋات زامانىۋى قۇرۇلۇشلار توپى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

 قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.

 باش باھاردا، بىر خۇش خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى: 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران ئۈچ تەرەپ بېيجىڭدا قوشما بايانات ئىمزالاپ ۋە ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

 خەلقئارا تاراتقۇلار بۇ «دۇنياۋى خەۋەر»نىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپتى:

 بۇلتۇر 12- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ يىل 2- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى لەيشىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەزگىلدە رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللىدى.

 «سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران جۇڭگونىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنى يېڭى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك لايىھە بىلەن تەمىنلىدى» «ھالبۇكى، جۇڭگو تەرەپ كەمتەر قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى كۆز- كۆز قىلمىدى».

 3- ئايدا موسكۋادا، زۇڭتۇڭ پۇتىن كۆپ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ بېيجىڭ سۆھبىتىنى تىلغا ئالدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا، زۇڭتۇڭ پۇتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانىغا ئالاقىدار ھۆججىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدۇق، تىنچلىق سۆھبىتىگە قارىتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولدۇق، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالىمىز».

 ئۇزاق ئۆتمەي، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن تېلېفونلاشتى، زېلېنسكى مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كىرىزىسنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز».

 10- ئايدا، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بىردىنلا كەسكىنلىشىپ، نۇرغۇن پۇقرانىڭ ئۆلۈش- يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەيدا قىلدى.

 11- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە، دىققەت پەلەستىن- ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بىر مەيدان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئالاھىدە سىنلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىندا جۇڭگو لايىھەسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ تەكرار يۈزبېرىشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى <ئىككى دۆلەت لايىھەسى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىندىكى مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت».

 ھەم پەلەستىن- ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىنى تەكىتلىدى، ھەم دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش يوللىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھازىرقى جىددىي ئىش، دەپ كۆرسەتتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى.

 دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە تۈرتكە بولدى.

 «سىزنى تەبرىكلەيمەن! رەئىس ئەپەندى.»

 «بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.»

 «مەن جەزمەن كېلىشىم كېرەك!» 10- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا، رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرۈپلا، 3- قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق دېدى.

 10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، «چوڭ سىزما»دىن «نەپىس سىزما» باسقۇچىغا كىرىپ، ئارزۇ ئۇرۇقىدىن پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلاندى.

 قاينام- تاشقىنلىققا تولغان بىرىنچى 10 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، كېيىنكى ئالتۇن 10 يىلغا ئاتلىنىش. باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئېلان قىلدى. «جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە <بىر بەلباغ، بىر يول> ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ.

 نۇتۇق ئاخىرلاشتى، ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بەس- بەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئالىي ئېھتىرامىنى ۋە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.

 ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھازىرقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان مول ئەقىل- پاراسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىنى كۆزلەش كېرەك.

 بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى.

 10 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى؛

 10 يىلدىن بۇيان، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق- سىغدۇرۇشچان بولغان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى بەرپا قىلىش بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى.

 12- ئاينىڭ 13- كۈنى، ۋىيېتنام سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ ياشلار ۋە دوستانە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. دوستانە، ئىللىق كەيپىياتتا، رەئىس شى جىنپىڭ كەلگۈسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بىلدۈردى −

 «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ تىرىشقاندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئاشكارا پىكىر بايان قىلىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك».

 (مۇخبىرلار ليۇ خۇا، ياڭ يىجۈن، جېڭ مىڭدا، شۈ كې، دۇڭ شۆ، يۈەن شۇەي)

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125