شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»نىڭ 6- قىسمىدىن 10- قىسمىغىچە يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت- ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
بۇ كىتابنىڭ 6- قىسمىدىن 10- قىسمىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى 2020- يىلىدىن بۇيان يېزىشقا تەشكىللىگەن ھەم خەلق گېزىتى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان جەمئىي 31 پارچە يۈرۈشلۈك نەزەرىيە، تەشۋىقات ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 230 مىڭ خەت. بۇ ماقالىلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن قائىدە، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدىلەر چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە ۋە ئوقۇشچانلىققا ئىگە. بۇ كىتابنىڭ 1- قىسمىدىن 5- قىسمىغىچە 2020- يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)