مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
21:25:28 2023-12-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

12- ئاينىڭ 29- كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2024- يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي. بىز ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىپ، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى!

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. بىر يىلدىن بۇيان، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى كەسكىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكى- تاشقى قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردۇق. ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تېز شەكىللەندى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيدى، كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، قەرز خەۋپ- خەتىرىنى تۈگىتىش، بىنالارنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى. شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەتئىي، كۈچلۈك بولدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىجىل كۈچەيتىلدى، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دۆلىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىز كىرىزىسنى تۈگىتىش، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشەنچىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق.

 شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2024- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، مۇقىم، ساغلام ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى يەنە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

 دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.

 چاي سۆھبىتىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە زاتلار ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، ئاخىرىدا پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ «ئىتتىپاقلىق − كۈچ» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. يىغىن مەيدانى خۇشال- خۇرام ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125