شى جىنپىڭ 2023- يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى
21:37:36 2023-12-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شى جىنپىڭ 2023- يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

12- ئاينىڭ 29- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2023-  يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2023- يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىن بۇيان دىپلوماتىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەلچىلەردىن پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتى دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە زىممىگە ئالغان تارىخىي بۇرچنى توغرا تونۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

12- ئاينىڭ 29- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2023-  يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

 چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئەلچىلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ھە دەپ يامرىدى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بىزگە بولغان بېسىشى ۋە چەكلىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىگە ئالاھىدە خىرىس ئېلىپ كەلدى، كۆپچىلىكمۇ ئالاھىدە سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، يولداشلار چەت ئەللەردە پەزىلىتىنى چىڭ ساقلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپ، چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جان تىكىپ كۈرەش قىلدىڭلار، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئەلچىلەر ۋە دىپلوماتىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئېچىلغان مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە تاشقى مۇھىت تەھلىل قىلىنىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ نىشان يۆنىلىشى، يېتەكچى پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. كۆپچىلىك مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھ ئارقىلىق يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 بىرىنچى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولغان چىن ئېتىقادلىق كىشىلەردىن بولۇش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش، دۆلەتكە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش − دىپلوماتىيە سېپىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. كۆپچىلىك بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاتلانغاندا، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، قەلبىدىكى «ئەلچىلىك ھاسىسى»نى ساقلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئۆتكۈر كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى، ياخشى ئىجرا قىلىشى كېرەك. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى. دىپلوماتىيەدە خەلقنى كۆزلەشنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىللىقلىقىنى مەملىكەت سىرتىدىكى ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

 ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئاچىدىغان ئىجادكارلاردىن بولۇش كېرەك. كۆپچىلىك يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇلىقى ئىتتىك، كۆزى ئۆتكۈر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك؛ كەڭ ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشقا ماھىر بولۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمىتىدە ھەم يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىگە ماھىر بولۇشى، ھەم خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى كېرەك؛ خەلقئارالىق تىل ۋە شەكىلدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرۇپ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇشى كېرەك.

 ئۈچىنچى، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كىرىچنى تارتىپ ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرىدىغان ھالەت ۋە زومىگەرلىكتىن قورقمايدىغان قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، بىرلىك سەپتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ۋە قائىدىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى كەڭ دائىرىدە قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 تۆتىنچى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ھەرقايسى ئەلچىلەر پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان، قائىدە- ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان سەگەك ئادەملەردىن بولۇشى كېرەك. ياخشى قوشۇن مەشىق قىلىش ئارقىلىق، باشقۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى، قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلالايدىغان، ئىنتىزامى چىڭ بولغان دىپلوماتىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم 2023- يىللىق چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ۋە مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم نەتىجىسى ۋە چوڭقۇر دەۋر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125