شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
12- ئاينىڭ 29- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، سەي چى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم چەت ئەلدە داۋالاش ياردىمى بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە ئىلگىرى ئىجرا قىلغان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. 60 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش ئەترىتىنىڭ كەڭ ئەزالىرى مېھرىبان قەلبى ۋە داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياردەمگە ئېرىشكەن دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە- ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەت بويىچە چەت ئەلگە داۋالاش ياردىمى بېرىش خىزمىتىدىكى 30 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 60 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)