يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى،كۆردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگىراممىسى 2024- يىلى يېڭى يىللىق شىچۈ تىياتىرى كېچىلىكى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن خۇشال بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئويۇن كۆرۈپ، يېڭى يىلنىڭ كېلىشىنى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋالدى.
كەچقۇرۇن، دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، تىياتىرخانا ئىچى ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. سائەت 19دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
شىچۈ تىياتىرى ساھەسىدىكى قابىللار يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى، يېڭى مۇساپىگە ئوقۇلغان مەدھىيە پەلەككە يەتتى. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقتا شىچۈ تىياتىرى چالغۇلىرى تەڭكەش قىلىنىپ ئورۇنلانغان «باھارنى كۈتۈۋېلىش» ناملىق مۇزىكا بىلەن پۈتۈن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. جىڭجۈ تىياتىرى «داڭخۇ كۆلىدىكى كېمە»، تەيجوۋ لۇەنتەن تىياتىرى «مېنىڭ فاڭلىن كەنتىم»، گاۋجيا تىياتىرى «ۋېيتوۋدىكى كېلىنچەك» قاتارلىق يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىن ئارىيەدە، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر تومۇرىغا ماسلىشىپ،كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت جۇڭگو ھېكايىسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بايان قىلىندى؛ جىڭجۈ تىياتىرى «دۈيخۇاچياڭ» «خۇڭنياڭ» «سىلاڭنىڭ ئانىسىنى يوقلىشى» «چىساڭ بازىرى» ۋە يۆجۈ تىياتىرى «لياڭ شەنبو بىلەن جۇ يىڭتەي» قاتارلىق كىلاسسىك تىياتىرلاردىن ئېيتىلغان ئارىيەلەر تولىمۇ مەپتۇن قىلارلىق بولۇپ، جۇڭخۇا شىچۈ تىياتىرىنىڭ مول، چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى، جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلدى؛ كۇنچۈ تىياتىرى «دەنداۋخۇي»، چىنچياڭ نەغمىسى، خۇاڭمېيشى تىياتىرى، سىچۇەن تىياتىرى «جياڭ ھەدە»، جىڭجۈ تىياتىرى «شاجياباڭ» قاتارلىقلاردىن ئارىيەلەر ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى شەخسلەر ھېكايىسى ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ ھەققانىيلىقى، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى؛ بالىلار ئورۇنلىغان جىڭجۈ تىياتىرى «جيۇلۇڭبېي» «دىڭجۈنشەن تېغى»، چامباشچىلىق تىياتىرى «شىۋۇ قەھرىمانلىرى» ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ئەنئەنىۋى سەنئەتنىڭ ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. «يېڭى دەۋر رەڭدارلىققا تولدى، بەش يۇلتۇز شەرقتە چاقنىدى...» «مەدەنىيەت نۇرى» ناملىق شىچۈ تىياتىرى ناخشىسى كېچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، كەڭ شىچۈ تىياتىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.
پۈتۈن كېچىلىكتە داڭلىق سەنئەتكارلار جەم بولدى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى تىياتىرلار بىلەن يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان نادىر ئەسەرلەر گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، يېڭى دەۋر شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت گۈللىنىش كەيپىياتى نامايان قىلىنىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش يېڭى مۇساپىسىنىڭ دەۋر زەپەر مارشى ياڭرىتىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئويۇننى كۆردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)