جۇڭگو − رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
19:20:09 2024-01-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو − رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو − رۇسىيە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

 شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023- يىلى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە داۋالغۇش بولۇۋاتقان خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز موسكۋا ۋە بېيجىڭدا ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو- رۇسىيە ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن 200 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتتى، تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ماددىي ۋە خەلق رايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ 2024- يىلى ۋە 2025- يىلى جۇڭگو- رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى ئورتاق جاكارلىدۇق. بىز يەنە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى تۆتتىن ئۈچ ئەسىرلىك بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپە شۇنى ئىپادىلىدىكى، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، دوستانە ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كىلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئارىلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە جۇڭگو- رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمەن.

 زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايرىمىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك، ئامان- ئېسەن، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر يىلدا، بىز ئىككى قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە- جۇڭگو يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن 200 مىليارد دوللارلىق نىشاندىن ئېشىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى. رۇسىيە- جۇڭگو تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە- جۇڭگو مەدەنىيەت يىلى كۈچ توپلاپ تەق بولدى، ئىككى دۆلەت پات ئارىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقىدىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

 شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- رۇسىيە يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: 2023- يىلى، رۇسىيە- جۇڭگو زۇڭلىلىرىنىڭ 28- قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىجابىي ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125