«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
19:24:25 2024-01-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2023- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ بىر قىسمى «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىل گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزگىل، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، سالمىقىنى ساقلاپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەممىدىن مۇھىم. سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىدە «ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە مۇھىمى بۇلغىنىش خەۋپىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە- مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، يېشىل تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەۋلادلارغا تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولغان ئېكولوگىيە بوشلۇقى قالدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، تېجەشلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش «N+1» سىياسەت سىستېمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىق، قەدەم- باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان تەبىئىي مۇھىت ۋە شارائىتنىڭ تەھدىت ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق، بازار، پەن- تېخنىكا، سىياسەتتىن ئىبارەت «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي تىرەك ۋە كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125