دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلايلى
11:14:44 2024-01-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلايلى

− مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا، تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشتە دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش زۆرۈر.

  كۆپ قۇتۇپلىشىش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى. 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتىدۇ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» نىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيا تېز سۈرئەتتە كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى رايونلار ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلقئارا ئەندىزىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى، مەيلى چوڭ دۆلەت ياكى كىچىك دۆلەت بولسۇن، ھەممىسى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەممىسى يەككە تەرەپچىللىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىنى قوللىمايدۇ، ھەممىسى لاگېرلار قارشىلىشىشى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش كونا يولىدا قايتا مېڭىشقا بولمايدۇ، ئۇرۇش توقۇنۇشىدىن ئىبارەت كونا يولدا قايتا مېڭىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، دۇنيانىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانداق قاتنىشىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى توغرىسىدا تېخى ئورتاق تونۇش شەكىللەنمىدى. بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش پەيتىدە، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بىز دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدا باراۋەر بولۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز، يەنى چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى مونوپول قىلىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقئارادىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە كېڭىشىشى، دۇنيانىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى كېرەك. ھەربىر دۆلەت ياكى دۆلەتلەر گۇرۇھى يەرشارىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېمىسىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالىشى كېرەك، كۆپ قۇتۇپلىشىش تىلغا ئېلىنسىلا ئاز ساندىكى بىرقانچە چوڭ دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى بايانى بولۇپ قېلىشنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

  بىز دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدا تەرتىپلىك بولۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز، يەنى كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ۋە ئىجابىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنىڭ داۋالغۇش، خاتىرجەمسىزلىك ۋە «تەرتىپسىزلىك» ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىغا قارىتا ئېيتىلغان. كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلماي بەلكى ئىتتىپاقلىشىدىغان، قارشىلاشماي بەلكى سۆھبەتلىشىدىغان، توقۇنۇشماي بەلكى ھەمكارلىشىدىغان، كۆپ تەرەپ زىيان تارتماي بەلكى تەڭ نەپ ئالىدىغان تارىخىي مۇساپىگە ئايلىنىشى كېرەك. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئورتاق ئەمەل قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا ئورتاق چىڭ تۇرۇشى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.

  ۋەزىيەتنى كۆزىتەلىگەنلەر دانا، ۋەزىيەتكە ماسلىشالىغانلار ئاقىل. دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش كۆپ ساندىكى دۆلەت ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلتىماس ـ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كېتىشتىن ئەبەدىي ئەمىنلىككە قاراپ مېڭىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم يول بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم تەشەببۇسنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، قول تۇتۇشۇپ كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125